UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىت

يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىت

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كەلگۈسىدىكى ۋېلىسىپىتلەرنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى100 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ خىل ۋېلىسىپىتنى ۋېلىسىپىت ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مىنگەندە، پىكاپتىنمۇ تېز ماڭغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ۋېلىسىپىت مىنگۈچىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىتنىڭ قۇرۇلمىسى ئەنئەنىۋى ۋېلىسىپىتكە تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ سىرتى يېنىك سۇلياۋ قاپ بىلەن قاپلىنىپ، ۋېلىسىپىتنىڭ بىر قىسمى ياكى پۈتۈن گەۋدىسى ئورىۋېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت ئېقىم سىزىقلىق شەكىلگە كىرىدۇ. ئالىملارنىڭ تەجرىبە قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ۋېلىسىپىت گەۋدىسىنى ئېقىم سىزىقلىق قاپ بىلەن ئورىغاندا، ۋېلىسىپىت ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچىنىڭ يېرىمىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. دېمەك، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋېلىسىپىت مىنگەندىكى ئۆلچەملىك سائەتلىك سۈرئىتى16 كىلومېتىردىن32 كىلومېتىرغا چىقىدىكەن. يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىتنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك ئۆزگەرتىلىشى ئۇنىڭ ئېگىرىدە. ھازىرقى ۋېلىسىپىتلەرنىڭ ئىگىرى پىدالىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغاچقا، ۋېلىسىپىت مىنگۈچى پىدالنى تۆۋەنگە تەپكەندە سەرپ قىلغان كۈچ ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. بىراق، مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنى مىنگەندە بەلنى ئېگىپ، پىدالنى دەسسەيدىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلغىلى بولىدۇ. ئالىملار مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىرىنى پىدال بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتىكى تەكشىلىككە ئورناتقانلىقتىن، ئادەم پىدالنى يېرىم ياتقان ھالەتتە دەسسەيدۇ. شۇنداق بولغاندا، پىدالغا زىيادە كۈچ سەرپ قىلمايمۇ سائەتلىك سۈرئەتنى40 كىلومېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىت بالىلارنىڭ پىداللىق ۋېلىسىپىتلىرىگە ئوخشاش ئۈچ چاقلىق ياكى تۆت چاقلىق قىلىپ ئىشلەنگەچكە، ۋېلىسىپىتنىڭ مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھازىر تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىتلەر يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋېلىسىپىتنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. مەسىلەن، قۇيما گەۋدىلىك ۋېلىسىپىت جازىسى، كۆنەكسىمان قۇرۇلمىلىق كاربون تالالىق ۋېلىسىپىت گەۋدىسى ئىشلىتىلسە، چىداملىقلىقى بەش ھەسسە ئاشىدۇ، ئەمما ئېغىرلىقى ئەسلىدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر ئالەم بوشلۇقى ئالىمى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، »ۋىكتور« ئىسىملىك بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك ۋېلىسىپىتنى لايىھىلەپ چىققان، ئۇنىڭغا ئىككى ئادەم ئولتۇرالايدۇ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى150 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ۋېلىسىپىت كامېرىغا ئېلاستىكلىقى ياخشى كۆپتۈرمە ماتېرىيال تولدۇرۇلغان بولۇپ، سىلكىنىشنى پەسەيتىدىغان ۋېلسىپىت ئېگىرى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، تاشقى كۆرۈنۈشى پارقىراق ئېقىم سىزىقلىق بولۇپ، يامغۇر تامچىلىرىمۇ شامالدىن ساقلىنىش قېپىدا توختاپ قالمايدۇ. ئادەم بۇ خىل ۋېلىسىپىتنى مىنسە، ئېنېرگىيە سەرپ قىلمايدۇ، ئۇ ئازادە، بىخەتەر بولۇپ، پىكاپتىكىگە ئوخشاش ئۇچقاندەك يۈرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى