سۈنئىي ئۇرۇق
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا زىرائەتلەر پىشقاندا، ئۇلارنىڭ ياخشى مېۋىلىرى تاللىنىپ ئۇرۇق قىلىنىدۇ، بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇرۇق تاللاش ئۇسۇلىدا مۇنداق ئىككى نۇقسان بار. بىرىنچى، بىرنەچچە ئەۋلاد تاللانغاندىن كېيىن، ئۇرۇقنىڭ خۇسۇسىيىتىدە چېكىنىش يۈز بېرىدۇ؛ ئىككىنچى، سانى يېتەرلىك بولمايدۇ. ھازىر ئالىملار ئۇرۇقنى سىنتېزلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى تاپتى، بۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
دۇنيادا بىرىنچى تۈركۈم سۈنئىي ئۇرۇقنى فرانسىيە دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقتى، بۇلار بۇغداي، شال، بېدە، سەۋزە ۋە تاغ ياپونىيە كامېلىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۈنئىي ئۇرۇقلار تەبىئىي ئۇرۇققا ئوخشىمايدۇ. تەبىئىي ئۇرۇقلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ، مەسىلەن، پۇرچاق ئۇرۇقى يۇمۇلاق، بۇغداي ئۇرۇقى ئۇرچۇقسىمان بولىدۇ، ئەمما سۈنئىي ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى شارسىمان كاپسۇلا بولۇپ، شەكلى پاقا تۇخۇمىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنى تېرىغاندا يىلتىز تارتىدۇ، بىخ چىقىرىدۇ، نورمال زىرائەت بولۇپ ئۆسەلەيدۇ.
سۈنئىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتە ئاۋۋال مايسا تاللىنىپ، ئەسلىدىكى زىرائەت تۈپىدىن بىر پارچە توقۇلما كېسىپ ئېلىنىدۇ، ئاندىن بۇ كېسىك ئالدىن ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى تولدۇرۇلغان ئۆستۈرۈش پروبىركىسىغا سېلىنىدۇ. تېز سۈرئەتتىكى جىنسسىز كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسى تۆرەلمە - ئۇرۇق بولۇپ يېتىلىدۇ - دە، تېرىشقا بولىدۇ.
زىرائەتلەرنى سۈنئىي ئۇرۇقتىن يېتىشتۈرگەندە، ئەۋلادلار ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقنىڭ ئەلالىرىنى تاللاش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تۈپتىن بىر پارچە توقۇلما كېسىپ ئېلىنسىلا بولىدۇ. كېسىپ ئېلىنغان بۇ توقۇلمىنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىدا ئۆستۈرگەندە، كېيىنكى ئەۋلاد ئۆسۈملۈكلەر تۈگىمەيدىغان ئۇرۇق مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. ئۆستۈرۈلگىنى ئەلا سۈپەتلىك سورت بولغاچقا، زىرائەت مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھازىر زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاساسەن، زور مىقداردا دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ مۇئەييەن ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن مۇھىتنى بۇلغايدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقتىكى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەرنى يوقاتقىلى، ئۆستۈرۈش ساندۇقىدا مەخسۇس ۋاكسىنا بىلەن بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سۈنئىي ئۇرۇقلاردىن يەنە ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە زىرائەت سورتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى بۇغدايدىن ئاش ئېتىش، نان يېقىشقا بىرلا خىل سورت ئىشلىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە ھەر خىل مەقسەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بۇغداي سورتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خېمىر تاماق، بەزىلىرى نان، بەزىلىرى ھايۋانلارغا بوغۇز قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قايسىسىغا ئىشلىتىش بۇغداينىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، تەركىبىدىكى ئاقسىل، شېكەر ۋە تۈرلۈك ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.