UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىلازېر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش

لازېر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بىر خىل نۇر باركى، پولات تاختاينى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، تانكىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، ئۇ لازېر نۇرىدۇر. لازېر نۇر ئادەتتىكى نۇرغا ئوخشىمايدۇ، ئادەتتىكى ئوت يورۇقى، لامپۇچكا يورۇقىنىڭ ھەر ئېنېرگىيە بىرلىكىدىكى فوتون ئاران نەچچە مىڭدىن بىر؛ لازېر نۇرىنىڭ بولسا100 تىرىلياردقا يېتىدۇ. مۇنداق زىچ فوتون خۇددى قار كۆچكىنىدەك قىسقا پەيت ئىچىدە غايەت زور ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، بىر دەستە كۈچلۈك لازېر نۇرغا ئايلىنىدۇ. لازېر ئەسۋابى قۇۋۋىتى يۇقىرى، نۇر دەستىسى ناھايىتى تۈز لازېر نۇرى چىقىرىدۇ. يۇقىرى قۇۋۋەتلىك لازېر «سۈنئىي قۇياش» دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى ئېمپۇلسلىق كسېنون لامپىسىنىڭ3 مىليارد700 مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا لازېر نۇرىنى يىغىپ بىر نۇقتىغا چۈشۈرسە، نەچچە ئون مىليون گرادۇس يۇقىرى ھارارەت پەيدا قىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق تەستە ئېرىيدىغان مېتالنى ھەش - پەش دېگۈچە كۈلگە ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ لازېر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەشتۇر. لازېر بىلەن پىششىقلاش ماشىنىسى ئادەتتە قاتتىق لازېر ئەسۋابى ياكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدلىق لازېر ئەسۋابىدىن ئىبارەت. ئۇلار چىقارغان نۇر ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، لىنزىنىڭ فوكۇس نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ يىغىلىپ، ئۆتكۈر ئۈشكە ياكى ئىتتىك پىچاققا ئايلىنىدۇ، ئۇنى كېسىش ئەسۋابى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لازېرلىق تېشىش ماشىنىسى بىلەن قول سائىتىدىكى ئالماسنى تەشسە، بىر مىنۇتتا يۈزگە يېقىن كۆز تېشەلەيدۇ. دېتالنى ياكى لازېر نۇر دەستىسىسىنى ئۇدا سۈرۈپ تۆشۈك تەشسە، دېتالنى كەسكىلى بولىدۇ؛ بۇ خۇددى پوچتا ماركىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى قىيىش تۆشۈكچىلىرىگە ئوخشايدۇ. لازېر بىلەن كەپشەرلەش لازېر بىلەن تېشىش - كېسىش پرىنسىپىغا ئوخشايدۇ، بىر يېرى، پاياتلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان نۇر تەشكەندىكىدىن ئاجىزراق بولىدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭدا ماتېرىيالنى ئېرىتىپ بىر - بىرىگە چاپلاپ قويسىلا بولىدۇ. لازېردىن پايدىلىنىپ مېتال بىلەن ساپالنى كەپشەرلىگىلى بولىدۇ، تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، ناۋادا ئېلېكترون لامپىسىنىڭ قىلى ياكى تىرىكى ئۈزۈلۈپ كەتسە، لازېر نۇردىن پايدىلىنىپ ئەينەك سىرتىدىن كەپشەرلەپ، «جېنىنى قۇتقۇزغىلى» بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
لازېر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش | UyghurWiki | UyghurWiki