UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئىسسىقلىق تۇرۇبىسى

ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بۇ بىر خىل ئاجايىپ مېتال تۇرۇبا،4 −5 تال قەلەمنىڭ يوغانلىقىدىكى1 مېتىرچە مېتال تۇرۇبىنىڭ بىر ئۇچىنى ئوچاقتا قىزىتسا، يەنە بىر ئۇچى قول كۆيدۈرىدۇ. ئۇ ھىم يەملەنگەن ئالاھىدە مېتال تۇرۇبا، ئىچىدىكى ھاۋا چىقىرىۋېتىلىپ، ئىچىگە بىر قەۋەت كۆپ تۆشۈكلۈك ماتېرىيال كىيدۈرۈلىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇق سۈمۈرگۈچى ئۆزەك دېيىلىدۇ، ئىچىگە ئىسپىرت ياكى باشقا سۇيۇقلۇق چىلىنىدۇ. مۇنداق ئىسسىقلىق تۇرۇبىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بەكمۇ ئاددىي، لېكىن ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈمۈش، مىس، ئاليۇمىنلاردىن مىڭلارچە، ھەتتا ئون مىڭلارچە ھەسسە يۇقىرى. نېمە ئۈچۈن ئىسسىقلىق تۇرۇبىسىنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش كارامىتى بولىدۇ؟ داۋلى ئاددىي. ماددا سۇيۇقلۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە ئۆتكەندە ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، گاز ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئۆتكەندە ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن، نورمال تېمپېراتۇرىدا1 كىلوگرام سۇ پارغا ئايلانغاندا،2424 كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى سۈمۈرىدۇ، ئەكسىچە، پار سۇيۇقلۇققا ئايلانغاندا شۇنچىلىك ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ. ئىسسىقلىق تۇرۇبىسىنىڭ بىر ئۇچى قىزىغاندا، سۇيۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۆزىكى ئىچىدىكى ئىسپىرت پارلىنىپ گازغا ئايلىنىدۇ. ئىسپىرت پارى تۇرۇبىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا بېرىۋالىدۇ، ئۇ يەردە سوۋۇپ سىرتقا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ چاغدا نۇرغۇن ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. سوۋۇغان ئىسپىرت سۇيۇقلۇق سۈمۈرگۈچ ئۆزەككە قايتىپ، كاپىلليار ھادىسىسى ئارقىلىق يەنە ئىسسىق ئۇچقا بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئىسسىقلىق توشۇغۇچى قورالغا ئايلىنىپ، ئاپتوموبىلغا ئوخشاش، ئىسسىقلىقنى «پارلاندۇرۇش ئۇچى» دىن «سوۋۇتۇش ئۇچى» غا توشۇيدۇ. بۇ جەرياندا ئىسسىقلىق تۇرۇبىسىنىڭ سىرتى تېز قىزىيدۇ. ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى1964 - يىلى كەشىپ قىلىنغان. دەسلىپىدە سۈنئىي ھەمراھتا ئىشلىتىلگەن. سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇ يەردە ھاۋا بولمايدۇ، قۇياشقا قارىغان تەرەپ بىلەن قۇياشقا قارىمىغان تەرەپنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى℃ 250 ئەتراپىدا بولىدۇ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ سىرتقى قېپىغا بىرنەچچە ئورام ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى ئورنىتىلسىلا، تېمپېراتۇرا پەرقىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى سانائەت پار قازاننىڭ تۇرخۇنى ئىچىگە ئورنىتىلسا، 60% — 80% كېرەكسىز ئىسسىقلىقنى بىۋاسىتە پار قازانغا قايتۇرغىلى بولىدۇ. بەزى زاۋۇتلار44 تۇرۇبىلىق ساندۇقنى ئورنىتىپ، پار قازاننىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ،5 توننا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃17 تىن℃ 98 — ℃120 قا كۆتۈرۈپ، زاۋۇت، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئاھالىلەرنى تەمىنلىگەن. ئىسسىقلىق تۇرۇبىسىنى يەنە ئاتوم ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىق، يېمەكلىكلەر سانائىتى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا تېخنىكىسى، ئېلېكترون سانائىتى ۋە ئاھالىلەر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئىسسىقلىق تۇرۇبىسى | UyghurWiki | UyghurWiki