UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسېنتېتىك خۇرۇم

سېنتېتىك خۇرۇم

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سۈنئىي خۇرۇم ئادەتتە رەختكە بىر قەۋەت پولىۋىنىل خلورىد سۇلياۋ سۈرتۈش بىلەن ياسىلىدۇ. سۈنئىي خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئاياغ چىداملىق بولسىمۇ، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ، پۇتى تەرلەيدىغانلار كىيسە بەك بىئارام بولىدۇ. سېنتېتىك خۇرۇم ئۇنداق ئەمەس، ئۇ تەبىئىي خۇرۇمنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە خۇسۇسىيىتىگە تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن، سۈنئىي خۇرۇمدىكى ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان يېتەرسىزلىك بۇنىڭدا يوق. سېنتېتىك خۇرۇم ئىسمى - جىسمىغا لايىق بىرىكمە (سېنتېتىك) ماتېرىياللاردىن ئىشلەنگەن، ئۇنىڭدا نىلون، تېرىلېن، پولى پروپىلېن (بىڭلۇن) قاتارلىق بىرىكمە تالالاردىن توقۇلغان تىۋىتلىك رەخت تەگلىك قىلىنىدۇ، رەختكە پولىئورېتان سىمولى سۈرتۈلۈپ كۆپ قەۋەتلىك قۇرۇلما ھاسىل قىلىنىدۇ. تەگلىك رەخت چىڭ ھەم ھاۋا ئۆتكۈزىدۇ؛ تەگلىك رەختكە سۈرتۈلگەن سۇيۇق پولىئو رېتان سىمولى پولىئورېتان سۇلياۋ قەۋىتىنى يېپىشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئۈستىگە بىر قەۋەت پولىئو رېتان بىر تەرەپ قىلغۇچى خۇرۇچ سۈرتۈلۈپ، خۇرۇم چىداملىق، پارقىراق ۋە ئەۋرىشىم قىلىنىدۇ؛ ئاندىن ئۈستىگە گۈل بېسىلىپ، تەبىئىي خۇرۇمغا ئوخشاش كۆركەم قىلىنىدۇ. سېنتېتىك خۇرۇم ھاۋا ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە چىداملىق، ئادەم ماڭسا ئاياغ لۆمۈلدەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر پۈكۈلۈش دەرىجىسىگە قاراپ ئاياغنىڭ سۈپىتىگە باھا بېرىدۇ. تەجرىبە نەتىجىسى ئىسپاتلىدىكى،℃ 20 لۇق شارائىتتا، سۈنئىي خۇرۇم7 مىليون100 مىڭ قېتىم لۆمۈلدىگەندىن كېيىن يېرىلىپ كېتىدۇ، سېنتېتىك خۇرۇمنىڭ لۆمۈلدەش سانى ئۇنىڭدىن10 ھەسسە يۇقىرى. ئېھتىياجغا قاراپ سېنتېتىك خۇرۇمنىڭ يۈزى پارقىرىتىلىدۇ، گۈل چىقىرىلىدۇ، زامشادىن سېنتېتىك خۇرۇم ئىشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋال بىلەينى ئۇششاق تۆشۈكچىلەر ئۈستىدىن بىلەپ، ئاندىن يۇمشىتىش ياكى سۇغا چىداملىق خۇرۇچلار بىلەن بىر تەرەپ قىلسىلا پۈتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
سېنتېتىك خۇرۇم | UyghurWiki | UyghurWiki