UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىتۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيگىلى بولىدىغان كىيىم

تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيگىلى بولىدىغان كىيىم

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئالىملار بۇرۇنلا ئوتتۇرىسى كاۋاك بىر خىل تالانى تەتقىق قىلىپ چىققان. قوي يۇڭى، پاختا، تىۋىت قاتارلىق تەبىئىي تالالارغا ئوخشاش، بۇ خىل تالانىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، كاۋاك ئىچىگە ھاۋا تولۇپ تۇرغاچقا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كاۋاكقا ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ھاۋادىن ئېشىپ كېتىدىغان ئازود گازى قاچىلانسا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئالىملار ئوتتۇرىسى كاۋاك تالانىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيگىلى بولىدىغان كىيىمنى ئىشلەپچىقتى. بىراق، ئىشلەش جەريانىدا ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشقا، يەنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئېرىتكۈچى ۋە گاز ئارىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە، ئېرىتكۈچى قېتىشىپ، گازنى نەيچىسىمان تالاغا ھەيدەپ، ئۇنى كۆپتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىيىم قېلىنلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تالا ئىچىدە گاز بولغاچقا، كىيىمنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلىغاندا، ئېرىتكۈچى سۇيۇق جىسىمغا ئايلىنىدۇ. ئېرىتكۈچى ئېرىگەندە ئىسسىقلىقنى سۈمۈرگەچكە، بەلگىلىك «توڭلىتىش» ئۈنۈمى بولىدۇ، بۇ چاغدا تالا ئەسلىي ھالىتىگە قايتىپ كىيىم نېپىزلەيدۇ، تۆشۈكچىلەر كۆپىيىدۇ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشىلىنىدۇ، كىيگەن كىشى سەگىدەيدۇ. بۇ خىل كىيىم بىر كۈندە ھاۋا كۆپ ئۆزگىرىغان رايونلاردا كىيىشكە باب كېلىدۇ. قىش بىلەن ياز ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان رايونلاردا ئەتىيازدىن قىشقىچە مۇشۇنداق كىيىمدىن بىرنى كىيسىلا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيگىلى بولىدىغان كىيىم | UyghurWiki | UyghurWiki