UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۇ بىلەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل

سۇ بىلەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل

پەن - تېخنىكا دۇنياسى 1986 - يىلىنىڭ بېشىدا فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدىن بىر خەۋەر تارالدى: دىنگىل ئاتلىق بىر ئىنژېنېر نەق مەيداندا مانېۋىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۇ بىلەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل ياسىغانلىقىنى،147 كىلومېتىر يول يۈرۈشتە ئاران5 .0 لىتىر بېنزىن ۋە15 لىتىر سۇ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. سۇ قانداق قىلىپ ئاپتوموبىلنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ؟ بۇ سۇنىڭ تەركىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېندىن تەركىب تاپقان. گەرچە سۇ تەركىبىدىكى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ »ئىتتىپاقى چىڭ« بولسىمۇ، چارىسىنى تاپسىلا، ئۇنى يانىدىغان ھىدروگېن بىلەن يېنىشقا ياردەم بېرىدىغان ئوكسىگېنغا پارچىلىغىلى بولىدۇ. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، ھىدروگېن ھاۋادا يانسا،℃ 1000 تىن يۇقىرى ئىسسىقلىق ئالغىلى، ئوكسىگېن ئىچىدە يانسا، تېمپېراتۇرىنى ئىككى يېرىم ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ ئاكا - ئۇكا ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېنغا پارچىلانسا، كۆيۈۋاتقان ئوتقا ياغ چاچقاندەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئاپتوموبىلغا مىكرو تىپلىق پارچىلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ، مەيدانغا سۇ لىقلىسا، سۇنى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېنغا پارچىلاپ يېقىلغۇ قىلسا، ئاپتوموبىل مېڭىپ كەتمەسمۇ دەپ خىيال قىلىشقان.1985 - يىلى9 - ئايدا ئەنگلىيىلىك بىر كەشپىياتچى رادىئاتوردىكى سۇنىڭ ئاستىغا ئايلىنىدىغان بىر ئاليۇمىن ناغرا ئورناتقان، يەنە بىر ئاليۇمىن سىمنى بۇ ناغرىغا تەگكۈزۈپ قويغان، ناغرا بىلەن سىم ئوتتۇرىسىغا18 مىڭ ۋولتلىق يۇقىرى بېسىم بېرىلسىلا، ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېن چىقىرىپ، ئاپتوموبىلنىڭ گازلاشتۇرغۇچى ئەسۋابى ئارقىلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدىگىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە ئېلېكتر دۋىگاتېل ئارقىلىق بىر ئۆزگىرىشچان توك ماتورىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۇنى پارچىلايدىغان ئېلېكتر كۈچى ئورنىدا ئىشلەتكەن. بىراق، فىلىپپىنلىق ئىنژېنېر دىنگىل ئەنگلىيىلىك كەشپىياتچىنىڭ ئۆز ماشىنىسىنى سىناق قىلىشنى كۈتۈپ ئولتۇرمىدى، ئۇ14 يىل تىرىشىپ، بىر »مەخپىي قۇرۇلما« لايىھىلەپ بىر پارچە ماگنىتنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، رادىئاتور بىلەن گازلاشتۇرغۇچنى تۇتاشتۇردى. بۇ ماشىنا بىرنەچچە تامچە بېنزىن بىلەنلا ئوت ئالىدۇ، ئاندىن يېقىلغۇ ئۈزۈۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭ نېرىسىغا سۇ، پىۋا، كوكاكولا، ھەتتا سۈيدۈكنى »يېقىلغۇ« قىلىپ مېڭىۋېرىدۇ. ھازىرچە سۇ بىلەن ماڭىدىغان ماشىنا تېخى تەجرىبە ئۈستىدە، ئالىملار ئۇنى ئەمەلدە ئىشلىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.1990 - يىلى ياپونىيىلىك كەشپىياتچى كاۋاناكا شۇئىچىرو سۇنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىل ماتورىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى، ئۇ بېنزىن ماتورىغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى كۈچ بېرىدۇ. ئېيتىش مۇمكىنكى، سۇ كەلگۈسىدە ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى يېقىلغۇسى بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
سۇ بىلەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل | UyghurWiki | UyghurWiki