UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۈنئىي تالا

سۈنئىي تالا

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ھازىرقى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن چىرايلىق كىيىملىرى ياغاچ، قومۇش قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن سۈنئىي تالادىن توقۇلغان. سۈنئىي تالا ياغاچ، تاتلىق قوناق، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈك تالالىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىلىدۇ، ئۇلاردىن كالتسىي سۇلفىت ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىقلار بىلەن ھىدرولىزلاش، ھورلاش، ئاقارتىش ئارقىلىق، قەغەزگە ئوخشاش «بوتقا تاختا» شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ساپ سېللۇلوزا ياسىلىدۇ؛ ئاندىن ناترىي ھىدروكسىد، كاربون دىسۇلفىدلار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق «سېللۇلوزا سۇلفۇناتى» غا ئايلاندۇرۇلۇپ، «ۋسكوزىلىق سۇيۇقلۇقى» ھاسىل قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەردىن سۇلفات كىسلاتا تەركىبلىك سۇيۇقلۇقلارغا پۈركۈپ چىقىرىپ قاتۇرۇپ، قايتا ئىشلەنگەن تالاغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە دېيىلىدىغان «سۈنئىي يىپەك». سۈنئىي يىپەكتىن نۇرغۇن كۆركەم تاۋار - دۇردۇنلارنى توقۇشقا بولىدۇ؛ سۈنئىي تالادىنمۇ «سۈنئىي پاختا» دەپ ئاتىلىدىغان پاختىغا ئوخشاش ۋىسكوزىلىق قىسقا تالا ئىشلىگىلى، ئۇنىڭدىن رەڭگارەڭ سۈنئىي پاختا رەخت ۋە بىرىكمە تالا بىلەن ئارىلاش توقۇلمىلارنى توقۇغىلى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا بولغان قوي يۇڭىغا ئوخشاش تومراقلىرى «سۈنئىي يۇڭ» دېيىلىدۇ. سۈنئىي تالانىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى بىرقەدەر ياخشى، كىيگەن كىشىنىڭ دىمى تۇتۇلمايدۇ، ئادەتتە ئۇلار بىرىكمە تالالار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلىدۇ. تېرىلېن (دىلون) بىلەن سۈنئىي پاختا ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان بۇيۇملار «پاختا تېرىلېن» دېيىلىدۇ، نترىلون (جىڭلۇڭ) بىلەن سۈنئىي يۇڭ ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلۇپ، چاقماقلىق يۇڭ رەخت (خۇانى) ۋە ۋالىتىن (فەنلىدىڭ) غا ئايلاندۇرۇلغان بۇيۇملار «يۇڭ نىترىلون» دېيىلىدۇ. ئارىلاشتۇرۇپ توقۇشتا، بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ، رەختنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ؛ سۈنئىي تالانى بوياپ گۈل بېسىش ئاسان، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى، يېتەرسىزلىكى شۇكى، ھۆل چاغدا كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپ يۇماسلىق كېرەك؛ بىرىكمە تالالار پۇختا، سۈركىلىشكە چىداملىق، ئەمما، بويىماق تەس، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ناچارراق، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ توقۇسا، بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلغىلى ھەم كۆركەم، ھەم پۇختا ۋە چىداملىق كىيىملىكلەرنى توقۇغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى