UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن توك ئېلىش

ماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن توك ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن توك ئېلىش ئېلېكترو ماگنىت ئىندۇكسىيە پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە توك ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىدۇر. بىر ئۆتكۈزگۈچ ياكى كاتۇشكا ماگنىت مەيدانىدا ماگنىت كۈچى سىزىقلىرىنى كېسىپ ھەرىكەت قىلسا، ئۆتكۈزگۈچ ياكى كاتۇشكىدا توك پەيدا بولىدۇ. ئەنگلىيە فىزىكى فارادى1831 - يىلى ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسىنى بايقاپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆتكۈزگۈچ ماگنىت قۇتۇپلىرى ئارىسىدا ماگنىت كۈچ سىزىقلىرىنى كېسىپ ھەرىكەت قىلسا توك پەيدا بولىدىكەن، يەر شارىنىڭ ئۆزى چوڭ بىر ماگنىت، تارام - تارام دەريالار تەبىئىي ئۆتكۈزگۈچ تۇرسا، بۇ ماگنىت مەيدانىدا ئېقىۋاتقان دەريالاردا ئەلۋەتتە توك ھاسىل بولۇشى كېرەك، دەپ قىياس قىلغان. فارادىنىڭ قىياسى كىشىلەرگە ئىلھام بەرگەن: ئېلېكترو ماگنىت كاتۇشكىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ، ئۆتكۈزگۈچ ئاقار جىسىم يولىدىن سېكۇنتىغا2000 مېتىر تېزلىك بىلەن ئۆتسە، ئاندىن ئېلېكتر قۇتۇپلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆتكۈزگۈچتە ھاسىل بولغان توك چىقىرىۋېلىنسا، بۇ ئەڭ ئاددىي ماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن توك ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى بولاتتى. توك ئۆتكۈزگۈچى ئاقار جىسىم مۇنداق قۇرۇلمىنىڭ ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان توك ئۆتكۈزگۈچى ئاقار جىسىم گازدۇر. گاز ئادەتتە توك ئۆتكۈزمەيدۇ، ئۇنى ئىئونلاشتۇرغاندىلا ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنىدۇ. ئەمىسە، گاز قانداق ئىئونلاشتۇرۇلىدۇ؟ ئۇنىڭ بىر چارىسى مۇنداق: گاز بىرنەچچە مىڭ گرادۇس قىزدۇرۇلىدۇ، بۇ چاغدا گاز ئاتوملىرى بىر قىسىم ئېلېكترونلىرىدىن ئايرىلىپ، ئەركىن ئېلېكترونلار ھاسىل بولىدۇ، ئاتومنىڭ ئۆزى بولسا مۇسبەت زەرەتلىك ئىئونغا ئايلىنىدۇ، ئەمما مۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىش تېخنىكا جەھەتتىن تەس، ئۇنىڭغا ماتېرىيالمۇ چىدىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئالىملار باشقا چارە ئويلاپ تاپتى، يەنى سېزىي، كالىي قاتارلىق ئوڭاي ئىئونلىنىدىغان مېتاللار «ئۇرۇق ماتېرىيال» قىلىنىپ ئادەتتىكى گازغا قوشۇلسا، گازنىڭ ئىئونلىنىشىمۇ ئاسانلىشىدۇ. پەقەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق توك ئۆتكۈزگۈچى بۇ گاز ماگنىت مەيدانىدىن ماگنىت كۈچ سىزىقلىرىنى كېسىپ ئۆتسىلا، مۇسبەت - مەنپىي زەرەتلىك زەررىچىلەر ئايرىلىپ، يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى مۇسبەت - مەنپىي ئېلېكتر قۇتۇپلىرىغا ئايرىم - ئايرىم يىغىلىدۇ. ئېلېكتر قۇتۇپلىرىغا ئۆتكۈزگۈچ ئۇلانسا، ئۆتكۈزگۈچتە توك پەيدا بولىدۇ. ماگنىتلىق ئاقار جىسمىدىن توك ھاسىل قىلىشنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى شۇكى، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىدىكى پار قازان، پار تۇرۇبىنىسى، گېنېراتورلارنى بىر گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. توك ئۈنۈمىمۇ ئادەتتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىغا قارىغاندا 20%—25% كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن چىقىرىلغان گازنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنىلا1000 گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنى تۇربىنلىق گېنېراتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ توك ئېلىشقا ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ، ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئېلىمىزدە ماگنىتلىق ئاقار جىسىمدىن توك ئېلىش سىناق قىلىنىدىغان ھەر خىل تىپتىكى بىرنەچچە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بار، سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسىلا، ئېلېكتر سانائىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى