گەردىش ئۆلچەپ كان تېپىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كونىلار: «ئاي قوتانلىسا بوران چىقىدۇ» دېيىشىدۇ. كىشىلەر ئاينىڭ چۆرىسىدە تۇتۇق گەردىش پەيدا بولغىنىنى كۆرسىلا، بوران كېلىۋاتقىنىنى بىلىدۇ، يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلىرىمۇ ئەتراپىدىكى تاغ جىنسلىرى، توپا، سۇ ۋە گازلاردا گەردىش پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر بۇ گەردىشلەرنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ئۆلچەپ كان ياتمىلىرىنى تاپىدۇ. مانا بۇ گېئو خىمىيىلىك كان تەكشۈرۈشتۇر.
يەر تېگىدىكى كان گەۋدىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىقدارى مول پايدىلىق ئېلېمېنت ۋە بىللە پەيدا بولىدىغان ئېلېمېنتلار كان ياتمىسىنىڭ ئەتراپىدا يېقىندىن يىراققا قاراپ خۇددى ئاي گەردىشىگە ئوخشاش قانۇنىيەتلىك تارقىلىدۇ. كان بايلىقلىرى ھەرقانچە تىرەن كۆمۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھامان مۇشۇنداق گەردىش قالدۇرىدۇ. بۇ «خەۋەرچى» يەر يۈزى ياكى كان گەۋدىسى سىرتىغا نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ مېتىر يەرلەرگىچە تارقىلىشى مۇمكىن، ئۇنى تېپىۋالغاندىلا، ئىز قوغلاپ كان ياتمىسىنىمۇ تېپىۋالغىلى بولىدۇ.
قەلەي فتور بىلەن بىرىكىدۇ. قەلەي چۆكۈپ قەلەي كان گەۋدىسى شەكىللەندۈرگەندە چوقۇم فتور قويۇپ بېرىدۇ. بىرەر يەرنىڭ توپا ئەۋرىشكىسى تەھلىلىدە فتور ئېلېمېنتىنىڭ قويۇقلۇقى ئالاھىدە يۇقىرىلىقى بايقالسا، بۇ رايوندىن قەلەي كانى تاپقىلى بولىدۇ.
بەزى مېتال كانلىرىنىڭ كان گەۋدىسىدىكى ئايرىم ئېلېمېنتلار كان گەۋدىسىنىڭ ئۈستىدىكى تۇپراق ۋە ئاتموسفېرادا گاز ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ، گاز »«تارقاق گەردىشى»نى شەكىللەندۈرىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش ۋە كۆپ مېتاللىق كانلارنىڭ ئۈستىدە سىماب، فتور، خلور بولىدۇ؛ قەلەي كانىنىڭ ئۈستىدە سىماب، فتور، نىكېل، يود قاتارلىقلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. گېئولوگلار ئايروپىلانغا سەزگۈر تەھلىل قىلىش ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىپ، ئاتموسفېرا تەركىبىدىكى سىماب، سولفور (Ⅱ) ئوكسىد قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ بېكىتىپلا، مۇناسىۋەتلىك كان ياتمىلىرىنى تاپالايدۇ. مۇنداق تېز كان تېپىش ئۇسۇلى يېقىنقى زاماندا تەرەققىي قىلغان ئايرو گېئو خىمىيىلىك كان تەكشۈرۈشتۇر