كونترول قىلىنىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
6 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز بىر «ئالۋاستى قۇتا» ياسىدى. ئۇنىڭغا ھىدروگېن بومبىسىغا ئوخشاش كۈچى غايەت زور ئالۋاستى يوشۇرۇنغان. بۇ ئېلىمىزدىكى ھازىرقى ئەڭ زور كونترول قىلىنىدىغان يادرو بىرىكتۈرۈش تەجرىبە قۇرۇلمىسى بولۇپ، «جۇڭگو ئايلانما ئېقىم ئەسۋابىⅠ » دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ «قۇتا» دا ھىدروگېن بومبىسى پارتلىغاندىكىدەك رېئاكسىيە بارىدۇ: ئىككى يەڭگىل يادرو، مەسىلەن، دېيتېرىي، ترىتىي قاتارلىقلار، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ھارارەت ئاستىدا ئېغىرراق بىر يېڭى يادرو (گېلىي يادروسى) بولۇپ بىرىكىدۇ، بۇ چاغدا يادرودىكى غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ، كىشىلەر بۇنى يادرو بىرىكىش رېئاكسىيىسى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.1 كىلوگرام يادرو يېقىلغۇ يادرو بىرىكىش رېئاكسىيىسىگە قاتناشسا،7000 توننا بېنزىن ياكى10 مىڭ توننا كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل قىلىدىغان ئېنېرگىيىنى بېرىدۇ.
ھالبۇكى، كونترول قىلىنمىغان ھىدروگېن يادرو «ئالۋاستى» نى كىشىلەرنىڭ كونترول قىلمىقى تەس. بىرىنچىسى، يۇقىرى ئېنېرگىيە، يادرو يېقىلغۇسى100 مىليون گرادۇستىن يۇقىرى قىزدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاتوملىرىدىن ئىئون ۋە ئېلېكترونلارنى ئاجرىتىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، يۇقىرى بېسىم، غايەت زور سىرتقى كۈچ بىلەن مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئىئون ۋە ئېلېكترونلارنى ھەر كۋادرات سانتىمېتىرغا100 كۋادرىليون (000000 000 000 000 000 100 ) دانە زىچلىققا يەتكۈزۈش كېرەك. لېكىن، مۇنداق يۇقىرى ھارارەتتە ھەرقانداق ماتېرىيالدىن ياسالغان «قۇتا» پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئالىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھازىرقى ئەڭ ياخشى كونترول قىلىنىدىغان يادرو بىرىكتۈرۈش قۇرۇلمىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكى لايىھىلىگەن «توقماق» قۇرۇلمىسى، دەپ قارايدۇ. بۇ كاۋاك ھالقىسىمان تۇرۇبا بولۇپ، سىرتى تۆمۈر پارچىلىرى ماگنىت مەيدانى ئۆرنىكى قىلىنىپ بۆلەكمۇ بۆلەك ئورالغان. ئۇنىڭغا يۇقىرى كۈچىنىشلىك ماگنىت مەيدانى تەسىر قىلسا، ھالقىنىڭ ئىچكى بوشلۇقىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا دېيتېرىي، ترىتىيلارنى قامال قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي زەرەتلىك ئىئونلارغا پارچىلايدۇ، بۇ زەرەتلىك ئىئونلار بولسا ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ماگنىت كۈچ سىزىقلىرىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ خۇددى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يادرو يېقىلغۇسىنى «ماگنىت قاچا» ئىچىگە «قاماپ قويۇپ»، كونترول قىلىپ تۇرۇپ ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى يۈرگۈزگەنگە ئوخشايدۇ. «جۇڭگو ئايلانما ئېقىم ئەسۋابىⅠ » دۇنيادا ئوخشاش تۈردىكى تەجرىبە قۇرۇلمىلىرى ئىچىدە بىرقەدەر ئىلغار بولغان «توقماق» تىپىغا كىرىدۇ.
يەر شارىدا تەخمىنەن100 تىرىليارد توننا دېڭىز سۈيى، ئۇنىڭ تەركىبىدە35 تىرىليون توننا دېيتېرىي بار. ناۋادا مۇنچە كۆپ يادرو يېقىلغۇسىنى «ئالۋاستى قۇتا» غا قاچىلاپ، كونترول ئاستىدىكى رېئاكسىيە ئاستا - ئاستا ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىنسانلارنى20 مىليارد يىل تەمىنلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەر، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. كونترول قىلىنىدىغان يادرو بىرىكىش رېئاكسىيىسى ئىشقا ئاشسىلا، دېڭىز سۈيى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس «ئېنېرگىيە ئامبىرى» غا ئايلىنىدۇ.