ئۆڭمەيدىغان ۋاكۇئۇملۇق بوياش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كىيىم، يۇڭ يىپ قاتارلىق بويالغان توقۇلمىلار نېمە ئۈچۈن ئۆڭىدۇ؟ بۇ توقۇلما تالالىرىدىكى گاز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىزىق ئاپتاپتا پاختا تالالىرى غوزا ئىچىدە يېتىلىۋاتقاندا، ھاۋادىكى گاز ئاتوملىرى (ئاساسەن ئوكسىگېن ئاتوملىرى) بىلەن بىرىكىدۇ. مۇنداق بىرىكىش كۈچى غايەت چوڭ بولۇپ، ھازىرقى ھەرقانداق بوياقنىڭ يېپىشىش كۈچى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇڭا، پاختا رەختلەرنى بويىغاندا، بوياق ئاتوملىرىنىڭ گاز ئاتوملىرىنى «ھەيدەپ چىقارمىقى» تەس.
توقۇلما ھاۋاسى ئۈزلۈكسىز سىرتقا تارتىلىۋاتقان ۋاكۇئۇم ساندۇققا سېلىنسا، توقۇلمىدىكى گازلار پاك - پاكىز چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇنى بوياق سۇيۇقلۇقىدىن ئۆتكۈزسە تالالىرى بوياقنى ناھايىتى «ئۈنۈملۈك» تۇتۇۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەسلىدە نەچچە سائەتلەردە بويىلىدىغان توقۇلما ۋاكۇئۇم ساندۇقتا سېكۇنتنىڭ بىرنەچچە ئۈلۈشى ئىچىدىلا بويىلىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوياق ھەربىر «ئۆلۈك بۇلۇڭ» لارغىچە بارىدۇ. بۇ «ۋاكۇئۇملۇق بوياش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
توقۇلمىلارنى مۇشۇنداق بويايدىغان ماشىنا ۋاكۇئۇملۇق بوياش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا بىر - بىرىگە يېقىن تۆت تال رېزىنكە تاياق ئىككى پارچە سىلىق داتلاشماس پولات تاختا ئارقىلىق چىڭ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ناسوس رېزىنكە تاياق ئىچىدىكى ھاۋانى ئۈزلۈكسىز تارتىپ، توقۇلمىدىكى رېزىنكە تاياققا قاراپ سىلجىغان ھاۋانى تازىلاپ تۇرىدۇ. توقۇلما ھىملەنگەن قۇرۇلما ئىچىدىكى بوياق ئىدىشىگە سېلىنىپ بىرنەچچە ئايلاندۇرۇلسىلا تولۇق بويىلىپ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن مىنۇتىغا200 مېتىر رەختنى بويىغىلى بولىدۇ.
ۋاكۇئۇملۇق بويىغاندا، تېز بويىغىلى بولۇپلا قالماي، بوياش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رەختنى توقۇش ماشىنىسىدىن ئېلىپلا بىۋاسىتە بويىغىلى بولىدۇ.