بەشىنچى ئەۋلاد خۇسۇسىي كومپيۇتېر
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى خۇسۇسىي كومپيۇتېر. ئۆيىڭىز ياكى ئىشخانىڭىزدا ئولتۇرۇپ كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا، ئۇنىڭدىن «رادىئو ئىستانسىسى ھازىر ئاڭلىتىۋاتقان ئەسەرگە قىزىقىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن» دېگەن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، لازېرلىق پرىنتېر بۇ ئەسەرنى ئۈن - تۈنسىز ئۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل يېڭى خۇسۇسىي كومپيۇتېر بەشىنچى ئەۋلاد خۇسۇسىي كومپيۇتېر دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ − پەۋقۇلئاددە كۆلەمدە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئاۋاز، سۈرەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئۆگىنىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېر.
بەشىنچى ئەۋلاد خۇسۇسىي كومپيۇتېرغا ئادەمگە ئوخشاش ئاڭلىيالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان كومپيۇتېر دېتالى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنى كومپيۇتېر بىلەن بىللە ئىشلەتكەندە،20 مىڭدىن ئارتۇق تاق سۆزنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كومپيۇتېر كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئۇرۇپ چىقىرالايدۇ؛ كىشىلەر ئۇنىڭغا تاپىلىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ، ئوبدان بېجىرىدۇ ۋە سىزگە دوكلات قىلالايدۇ. كومپيۇتېر ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا، يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى تېلېفون بىلەن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز ساياھەتكە چىققاندا، بوران - يامغۇرلۇق ھاۋا بولۇپ قالسا، تېلېفون ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئوبدان تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز؛ ئۆيگە كەلگەن ھامان تاماق تەييار بولۇشى ئۈچۈن توك قازىنىغا تاماق ئېتىشنى تاپىلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ خىل كومپيۇتېردا يەنە سىغىمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مىكرو تىپتىكى ساقلىغۇچ ۋە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار بولۇپ، كومپيۇتېر «بىر نىيەت» تە كۆپ ئىشنى ئىشلىيەلەيدۇ. كومپيۇتېر بىر ياقتىن مۇرەككەپ ھېساب ئىشلىگەچ ياكى باشقا خىزمەتلەرنى قىلغاچ، مەشغۇلات قىلغۇچىغا پروگرامما ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەسىلەن، كومپيۇتېر مائارىپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئىشلىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدۇ؛ چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشى يۇمشاق دېتالى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ سەنئەتكە قىزىقىدىغان كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، ئۆزى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىيەلەيدۇ.
بەشىنچى ئەۋلاد خۇسۇسىي كومپيۇتېر ئاجايىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. چوڭى قامۇس، «ئوكيانۇس» تىن، كىچىكى پوچتا نومۇرى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقان، دوستلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىقلارغىچە كومپيۇتېردا ساقلىيالايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، كۇنۇپكىنى باسسىلا كومپيۇتېردا ئايان بولىدۇ، ئۇ تېلېفوننى ئۆزى ئۇلىيالايدۇ ھەم تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈشنى ئەسكەرتىدۇ.
بۇ خىل كومپيۇتېر يەنە سىزگە ۋاكالىتەن ماقالە يازالايدۇ ۋە ھۆججەت كوپىيىسىنى ئىشلىيەلەيدۇ. سىز كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزسىڭىزلا ئېكراندا كۆرۈنۈپ، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئېسىل ئەسەر رەتلىنىپ چىقىدۇ. سىز تەكشۈرۈپ قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن لازېرلىق پرىنتېر ئۇنى ئۇرۇپ چىقىرىدۇ.