UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئۆسىدىغان ئۆيلەر

ئۆسىدىغان ئۆيلەر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ھازىرقى ئۆيلەر پۈتكەن ھامان قايتا ئۆزگەرمەيدۇ. كەلگۈسىدىكى بەزى ئۆيلەر ئۆسۈملۈك ئۆيلەر بولۇشى مۇمكىن.80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ياسالغان بىر مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئىچىدە خىشمۇ، تاختايمۇ يوق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆيلەر ئۆسۈملۈك ئارقىلىق ئايرىلىپ، «يېشىل تام» ھاسىل قىلىنغان. بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئۆي ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قەدىمكى زاماندا، سكاندىناۋىيىلىكلەر سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوت - چۆپلەرنى دەرەخ شاخلىرىدىن توقۇلغان ئۆگزىدە ئۆستۈرۈپ، قېلىن بىر قەۋەت سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆگزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆينىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلىغان. ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى ئاھالىلەر لاتقا تىنىپ قالغان دەريا قىنىدىن ئوت - چۆپ ئۆسكەن لاي - تۇپراقلارنى ئويۇپ كېلىپ، تام قوپۇرۇپ ئۆگزە ياپقان، ئوت - چۆپلەر ئۆسكەندىن كېيىن يىلتىزلىرى تۇتىشىپ، ئۆي - ئىمارەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ چىدامچانلىقى ئاشقان ھەم ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىپ، مۇھىت گۈزەللەشكەن. ھازىرقى زامان ئۆسۈملۈك ئۆيلىرى ئاددىي لاي - توپا، ئوت - گىياھلاردىن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي تىرىك دەل - دەرەخلەر لىم، تۈۋرۈك ۋە تام قىلىنىپ ياسىلىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرنى سېلىشقا نۇرغۇن ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر كەتمەيدۇ، ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا قۇرۇلىدۇ: بىرى، «ئېگىش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا دەل - دەرەخلەرنىڭ تەبىئىي ئېگىلگەن قىسمىدىن بوشلۇق ئېچىلىدۇ، كېيىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن تۇتىشىپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، «ئۇلاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا زىدە قىلىنغان ئىككى دانە شاخ بىرلەشتۈرۈلۈپ، «ئۇلانمىلىرى ئىدىتلىق شاخلار» سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئارخىتېكتورلار مۇشۇ ئىككى خىل ئاساسىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، لايىھىلىنىشى چىرايلىق، شەكلى ئاجايىپ - غارايىپ كارىدور، كۆۋرۈك، شامال توسۇقى، قورشاۋ تام، سودا سارىيى، تۇرالغۇ، ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلارنى ياساپ چىقىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق تاللانسا، سېلىنغان تۇرالغۇلار يىل بويى يېشىللىقىنى ساقلاپ، گۈل - گىياھلار ئېچىلىپ، مېۋە - چېۋىلەر پىشىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئۆيلەردە تۇرسا، گۈزەل تەبىئەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك، روھىي كەيپىياتى ئازادىلىشىپ كېتىدۇ. ئۆسۈملۈك ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، ماتېرىيالنى شۇ جايدىنلا تاپقىلى بولىدۇ، بۇنداق ئۆي - ئىمارەتنىڭ ياسىلىشى ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن، شۇنداقلا ئۆي - ئىمارەت بىلەن مۇھىتنى كۆكەرتىشنى بىرلەشتۈرگىلى، شاۋقۇندىن ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلانغىلى، ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە چاڭ - توزانلارنى سۈمۈرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك تۇرالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى