UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيانچۇقتىكى كۇتۇپخانا

يانچۇقتىكى كۇتۇپخانا

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كەلگۈسىدە بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان بارلىق ماتېرىياللارنى1 كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتىكى پليونكىغا خاتىرىلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىرنەچچە «كۇتۇپخانا»نى يانچۇققا سېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ. شۇنچە چوڭ كۇتۇپخانىنى قاچىلىغىلى بولىدىغان پليونكا گولوگرافىك (تولۇق ئۇچۇرلۇق) پليونكا دەپ ئاتىلىدۇ. گولوگرافىك پليونكا يېڭىچە گولوگرافىك سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تارتىلىدۇ. ئۇ بىر يۈرۈش پەۋقۇلئاددە قۇرۇلمىلار ئارقىلىق، لازېر نۇرى دەستىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر بەت135 تىپلىق نېگاتىۋ چوڭلۇقىدىكى ماتېرىيال مەزمۇنىنى توچكىغا ئايلاندۇرىدۇ، نۇرنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيىسى ئارقىلىق گولوگرافىك پليونكىغا چۈشۈرىدۇ. شۇڭا، سۈرەتكە ئېلىنغان ئىنتايىن كىچىك فاكېل (بىر نۇر دېغى)1 بەت16 فورماتلىق ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماتېرىيال1500 خەنزۇچە خەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئېلىمىز ھازىر تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن گولوگرافىك چوڭ سىغىملىق ساقلىغۇچتىكى ھەربىر فاكېلنىڭ دىئامېتىرى1 مىللىمېتىر بولۇپ، كىتاب بېتى چوڭلۇقىدىكى قۇرغاق پليونكىغا16 مىڭدىن ئارتۇق فاكېلنى خاتىرىلىگىلى بولىدۇ، بۇ300 بەتلىك كىتابتىن100 نەچچە پارچىنى ساقلىغانغا باراۋەر بولۇپ، كىتاب ماتېرىياللىرىنى مىكرولاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇ خىل مىكرو كىتابلارنى ئوقۇشمۇ ئىنتايىن ئاددىي. ساقلىغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بىر دەستە لازېر نۇرىنى كۆرمەكچى بولغان مەلۇم بەتتىكى ماتېرىيال فاكېلىغا چۈشۈرسەك، گولوگرامما نۇقتىسىدا دىفراكسىيىلەنگەن نۇر دولقۇنى خىرە ئەينەكتىن ئىشلەنگەن ئېكراندا ماتېرىيال مەزمۇنىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر سۈرەتنى كىچىكلىتىش ۋە چوڭايتىشقا توغرا كەلسە، خىرە ئەينەكنى ئالدى - ئارقىغا سۈرسەكلا كۇپايە. ئەمەلىي ئىشلىتىش داۋامىدا، يەنە بىر خىل ئېلېكترونلۇق ئوقۇغۇچ بولۇپ، ئۇنىڭغا گولوگرافىك قۇرغاق پليونكىدىن بىرنەچچىسى ئۇلانغان، ئۇنىڭدا ساقلانغان ماتېرىياللارمۇ نەچچە مىليون بەتكە يېتىدۇ. ئوقۇماقچى بولغاندا ئېكراننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئاچقۇچ ئادرېسى كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، توپلاشتۇرۇلغان تىزگىنلەش توك يولى مەلۇم قۇرغاق پليونكىنى ناھايىتى تېزلا تاللاپ، ئىزدىمەكچى بولغان فاكېلنى تېپىپ، ئوقۇشىمىزغا بېرىدۇ. ئەگەر مەلۇم ئىلمىي ماقالە ياكى كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن تەپسىلىي تونۇشماقچى بولساق، تىزگىنلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قويساق، نۇسخىلاش قۇرۇلمىسى كۆرسىتىلگەن بەتنى نۇسخىلاپ بېرىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ خىل مىكرو «كۇتۇپخانا» تۈگمىدىنمۇ كىچىك قىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇنى مىكرو تىپتىكى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ، ياندا ئېلىپ يۈرگىلى ياكى كومپيۇتېر كۇتۇپخانا تورى قىلىپ تەشكىللىگىلى بولىدۇ. كىشىلەر يېنىدا بىر تېرمىنال قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ يۈرسىلا، توردىكى ھەرقانداق بىر كۇتۇپخانا ماتېرىيالىنى ئوڭايلا ئوقۇيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى