يەر ئاستى ئىمارەت
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئىنسانلار «ئاسمان - پەلەك بىنا» نى سېلىش، ئالەم بوشلۇقى شەھىرىنى ياساشتىن ئىلگىرىلا، ئالىملار نەزىرىنى يەر ئاستىغا تىكىپ، يەر ئاستى ئىمارەتلەرنى سېلىشنى ئويلىغان.1863
- يىل1 - ئاينىڭ10 - كۈنى، لوندوندا6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىترو ياسالدى، بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مېترو. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە مېترو ياسىلىپ، شەھەر قاتنىشى كۈنسايىن قىستاڭلىشىش ۋەزىيىتى پەسەيتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېترودا سۈرئەت تېز، توشۇلىدىغانلار كۆپ، بىخەتەر، كېچىكمەيدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە سازاۋەر بولدى.
مېترو بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، يەر ئاستى تاشيولى، يەر ئاستى زاۋۇتى قاتارلىق يەر ئاستى قۇرۇلۇشلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. پارىژ دۆلەت مۇداپىئە مەيدانىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئاممىۋى ئىشلار مەركىزى تۆت قەۋەتلىك يەر ئاستى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى ھەرقايسى ئىمارەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يول، ئىككىنچى قەۋىتى شەھەر ئىچى ئاپتوموبىل لىنىيىسى، ئۈچىنچى قەۋىتى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس لىنىيىسى، تۆتىنچى قەۋىتى تېز سۈرئەتلىك مېترو لىنىيىسى.
ئۇنىڭدىن باشقا، نورۋېگىيە، شۋېتسىيىلەردە يەر ئاستى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يەر ئاستىدا چوڭ تىپتىكى گۆش ساقلايدىغان توڭلىتىش ئىسكىلاتى، سوغۇق ساقلايدىغان ھاراق ئىسكىلاتىنى ياسىدى. ئامېرىكا ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يەر ئاستىغا قۇردى. يەر ئاستىغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتى.
يايونىيىدە500 مىڭ ئادەم سىغىدىغان يەر ئاستى شەھىرى قۇرۇلدى، شەھەر ئىچىدىكى چوڭ كوچىلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سودا، تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى بار. ھەپتە ئاخىرىدا نەچچە100 مىڭ ئادەم يەر ئاستى شەھىرىگە چۈشىدۇ. بۇ جايدىكى تېمپېراتۇرا ۋە يورۇقلۇق كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ، تېمپېراتۇرا قىش پەسلىدە ℃20، ياز پەسلىدە ℃ 25بولۇپ، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. پۈتۈن شەھەرگە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىمۇ ھاۋا مۇداپىئەسى مۇئەسسەسەلىرى يەر ئاستى سودا بازارلىرىغا ئۆزگەرتىلدى، بېيجىڭدىكى شىدەن مېترو (يەر ئاستى تۆمۈر يول) ۋوگزالى مېترونى مەركەز قىلغان سودا رايونىنى شەكىللەندۈردى، ھېيت - بايراملاردا، بۇ جايلاردا ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، كىشىلەر مېترو پويىزىغا ئالماشقاندا، ئاز - تولا دەم ئېلىۋالالايدۇ، غىزالىنىۋالالايدۇ، تاۋار سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر يولدا كۆپ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ.