UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىپيېزو ئېلېكترىك ساپال

پيېزو ئېلېكترىك ساپال

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كۈچۈك، ئاسلان قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنىڭ ئاۋازىنى ئۇلارنىڭ قورسىقىغا جايلاشتۇرۇلغان غوڭۇلدىغۇچ دېيىلىدىغان دېتال چىقىرىدۇ. بۇ غوڭۇلدىغۇچ پيېزو ئېلېكترىك ساپالدىن ياسىلىدۇ. پيېزو ئېلېكترىك ھادىسىسىنى1880 - يىلى ئاكا - ئۇكا كيۇرىلار بايقىغان. ئۇلار تەبىئىي خرۇستال پلاستىنكىسىنىڭ ئۈستىگە ئېغىر جىسىم قويۇپ تارتقاندا، ئۇنىڭ ئىككى يۈزىدە ئوخشىمىغان زەرەتلەر پەيدا بولۇپ، ئېلېكترو پوتېنسىئال پەرق ھاسىل بولغان؛ ئەكسىچە، خرۇستال پلاستىنكىغا زەرەتلەر بىلەن تەسىر قىلغاندا، پلاستىنكا يىغىلىپ - سوزۇلۇپ شەكىل ئۆزگەرگەن. تەسىر قىلغىنى ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى بولغاندا مېخانىك تەۋرىنىش كېلىپ چىققان. كرىستال نېمە ئۈچۈن پيېزو ئېلېكترىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ؟ ئەسلىدە كرىستال مولېكۇلىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى رەتلىك كىلىدۇ. خۇددى كىچىك دوستلار قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تىزىلغاندەك، مۇسبەت، مەنپىي زەرەتلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ، كرىستالنىڭ سىرتقى يۈزىدە زەرەت بولمايدۇ. كرىستال مەلۇم يۆنىلىشتە كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، تىزىلىش شەكلى زەربىگە ئۇچراپ، بىر يۆنىلىشى قىسىلىپ، يەنە بىر يۆنىلىشى ئۇزىرايدۇ، خۇددى كىچىك دوستنىڭ بىر قولى تارتىلىپ كېتىپ، يەنە بىر قولى ئايرىلىپ كەتكەندەك، شۇنىڭ بىلەن كرىستالنىڭ ئىككى يۈزى زەرەتلىنىپ، پيېزو ئېلېكترىك ھادىسە يۈز بېرىدۇ. خرىستالنى پيېزو ئېلېكترىك ماتېرىيال قىلغاندىن باشقا، ئالىملار يەنە پيېزو ئېلېكترىك كۋارتس، پيېزو ئېلېكترىك ساپال ۋە ئەڭ يېقىنقى پيېزو ئېلېكترىك سۇلياۋلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. پيېزو ئېلېكترىك ساپالدىن غوڭۇلدىغۇچ ياساشنى مىسال ئالساق، ئاۋۋال چالا پىشۇرۇلغان ساپال قەغەزدەك نېپىز پلاستىنكا قىلىنىدۇ، ئېرىتىپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى يۈزى ئېلېكتر قۇتۇپى قىلىنىپ، كۈچلۈك تۇراقلىق توك ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ چاغدا ساپال پلاستىنكىنىڭ سانسىز ئۇششاق كرىستال زەررىچىلىرى ئېلېكتر مەيدانىنىڭ »قوماندانلىقى« بىلەن رەتلىك تىزىلىدۇ - دە، ساپال پيېزو ئېلېكترىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئاندىن ئۇ مېتال پلاستىنكىغا يېپىشتۇرۇلسا، غوڭۇلدىغۇچ پۈتىدۇ. غوڭۇلدىغۇچنىڭ ئېلېكتر قۇتۇپلىرىدىن توك ئۆتكەندە، پيېزو ئېلېكترىك ساپالنىڭ پيېزو ئېلېكترىك ئېففېكتى تەسىرىدە تەۋرىنىپ ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ. كۈچۈكنىڭ قاۋىشى، ئاسلاننىڭ مىياڭلىشى ئوخشىمىغان ئېلېكترون يوللىرىنى لايىھىلەپ، تەۋرىنىش قېتىمىنى ئۆزگەرتىشتىن چىققان ھەر خىل ئاۋازلاردىن ئىبارەت. پيېزو ئېلېكترىك ساپالنىڭ توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىپ ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارى كۆپ خىل. ئېلېكترونلۇق سائەت ئىچىگە بىر نېپىز پلاستىنكا غوڭۇلدىغۇچ ئورنىتىلسا، ۋاقىتنى مەلۇم قىلىدىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ ئۇ كومپيۇتېر ئىچىگە جايلاشتۇرۇلسا، بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە سىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن يەر تەۋەشنى ئۆلچەش ئەسۋابى ياسالسا، ئاران بىرنەچچە گرام كۈچ چوڭلۇقتىكى تەسىرلەرنىمۇ قوبۇل قىلىپ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، يەر تەۋرەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پيېزو ئېلېكترىك ساپال يەنە ئۇلترا ئاۋازلارنى پىششىقلاش، نۇقسان تەكشۈرۈش، ھەربىي سونار، بېلىق توپلىرىنى تەكشۈرۈش، كۆمۈر گازىغا ئوت يېقىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئوت ئالدۇرۇش ۋە رادىئو كاناي، ئوغرىلىقتىن سىگنال بېرىش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
پيېزو ئېلېكترىك ساپال | UyghurWiki | UyghurWiki