پوچېركا ماشىنكا
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
دەرس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاندا ياكى خەت يازغاندا ماشىنكىدا ئۇرساق ھەم تېز، ھەم ئېنىق بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇرۇپ چىقىرىلغان خەت نۇسخىسى ئۆزىمىز يازغان خەت بىلەن ئوخشاش بولسا تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ ۋە سۆيۈنىمىز. ئالىملار بۇ خىل پوچېركا ماشىنكىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
پوچېركا ماشىنكا ھازىرقى ئېلېكترون مېڭىلىق ماشىنكىلارغا بەك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا كۇنۇپكا تاختىسى ۋە خەت ئۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن باشقا، مىكرو ئېلېكترون مېڭە ۋە مىكرو تىپتىكى ساقلىغۇچمۇ بار. ماشىنكىغا تۈرلۈك ئاساسىي خەتلەرنىڭ يازما نۇسخىلىرى ئالدىن قاچىلىنىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىدىكى خەت كۇنۇپكىلىرىنى باسساقلا، ئۆزىمىزنىڭ پوچېركىسىغا ئوخشاش خەت ئۇرۇلۇپ چىقىدۇ. ئەگەر ئاز ئۇچرايدىغان خەنزۇچە خەتلەر ئۇچرىسا، سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش بىلەن يېزىپ ۋاقىتلىق ساقلاپ، كۇنۇپكىنى باسساقلا ئۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.
بۇ خىل پوچېركا ماشىنكىنىڭ يەنە بەزى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارلىرى بار. ئەگەر پوچېركىڭىزنى سەت دەپ قارىسىڭىز ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىپ، ماشىنكىدا ساقلىغان خەت نۇسخىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسىڭىز خەتلىرىڭىز ھۆسنخەت شەكلىگە كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسلىدىكى پوچېركىنىڭ خاسلىقىنى يوقاتمايدۇ.
بۇ خىل ماشىنكا ياپونىيىدە تەتقىق قىلىنىپ ياسالدى. ئۇنىڭدا ياپونچە كانا يېزىقىدىكى خەت نۇسخىلىرى ۋە خەنزۇ يېزىقىنىڭ يازما نۇسخىلىرى ساقلانغان. ئېلېكترون مېڭىلىق تىزگىنلەش ئارقىلىق، قولدا يازغاندىن تېز ئۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل پوچېركا ماشىنكا خەتلەرنى تەھرىرلەش ۋە خاتىرىلەشتىن سىرت، يازغۇچىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرئىتى تېز بولۇپ، كەلگۈسىدىكى «تېز خاتىرىلەش» نىڭ ياخشى ياردەمچىسى ھېسابلىنىدۇ.