«كان ئۇچۇرىنى بەرگۈچى« ئۆسۈملۈكلەر
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بەزى ئۆسۈملۈكلەر «كاندىن ئۇچۇر بېرەلەيدۇ».1934
- يىلى سابىق چېخوسلوۋاكىيىلىك ئىككى خىمىك ۋوسلان شەھەر ئەتراپىدىكى كوممىقوناقلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنى تەتقىق قىلغاندا، كوممىقوناق چېڭىدا «يىپەك» ۋە ئۇششاق مېتال زەررىچىلىرى بارلىقىنى بايقىغان. ئەجەبا بۇ نەرسىلەر ئالتۇنغا ئوخشاش پەقەت تىزاپ (پادىشاھ ھارىقى) تىلا ئېرىيتتى. ئۇلار ئالتۇنمىدۇ؟ ئالىملار ئۇ يەردىكى تۇپراق ۋە رۇدىلارنى تەھلىل قىلىپ، راستتىنلا ھەر توننا رۇدىدا تەخمىنەن2 .0 گرام ئالتۇن بارلىقىنى بايقىغان. ئالتۇن كوممىقوناق ئىچىگە قانداق كىرىۋالغاندۇ؟ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قىلىنغان تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كوممىقوناق ۋە باشقا بەزى ئۆسۈملۈكلەر تۇپراقتىن ئالتۇن قاتارلىق مېتال ئېلېمېنتلىرىنى سۈمۈرىدىكەن، تېخى ئۇلارنى يىغالايدىكەن.
ئالىملار ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كان بايلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ بولدى. ئۆسۈملۈك يىلتىزى تۇپراقتىن ئازوت، فوسفور، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن باشقا، مىس، سىنك، نىكېل، سېلىن، ئۇران قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىمۇ ئازراق سۈمۈرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ساھىللىرىدا يالغان رەيھان دەيدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بار، ئۇ ئۆسكەن يەرنىڭ ئاستىدا ھەمىشە مىس كانى بولىدۇ؛ پلائون ئوبدان ئۆسكەن يەرلەردە ئاليۇمىن كانى بولىدۇ؛ پاقىيوپۇرمىقى ئاينىغان يەرلەردە سىنك كانى بولىدۇ؛ تۈگمىگۈل ئاينىغان يەرلەردە نىكېل كانى بولىدۇ؛ سۆسۈن بېدە زىچ ئۆسكەن يەرلەردە مولىبىدېن كانى بولىدۇ؛ ئەرمەن توپ ئۆسكەن يەرلەردە مانگان كانى بولىدۇ؛ ياۋا كەندىر بولۇق ئۆسكەن يەرلەردە تۆمۈر كانى بولىدۇ. قارا بۇغداي، تەرخەمەك، تۇرۇپ، جۇڭگو كەتىراسى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر يەنە ئۇران ۋە تورىي كانى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ، چۈنكى، ئۇران بىلەن تورىي كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل نۇر تارقىتىدۇ، ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فىزىئولوگىيىسىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى مېتال ئېلېمېنتلىرىنى سۈمۈرسە رەڭگى ئۆزگىرىدۇ، بۇمۇ يەر ئاستى كان بايلىقلىرىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، بەزى ئۆسۈملۈكلەر مانگان ئىئونىنى سۈمۈرۈۋالسا، گۈلى قىزىرىدۇ؛ بەزىلىرى نىكېل ئىئونىنى سۈمۈرۈۋالسا، گۈل بەرگى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. ئامېرىكا گېئولوگلىرى ئېۋكالپىت دەرىخىنىڭ «نۇقتا بەلگىلەپ بېرىشى» بىلەن كولورادو ئېگىزلىكىدىن بەش چوڭ ئۇران كانى تاپقان؛ زامبىيە دۇنياغا مەشھۇر «مىس دۆلىتى»، بىر گېئولوگ غەربىي شىمالدىكى كاسكانكا ئۆلكىسىدە ئوكسىتېنىيە ئوتىنىڭ «يوليورۇقى» بىلەن زاپىسى ئىنتايىن مول مىس كاننى تاپقان. كانادا ئالىملىرى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ «ئات ئۈستىدە گۈل تاماشاسى قىلغان» دەك كان تەكشۈرىدۇ. چۈنكى، بەزى ئۆسۈملۈكلەر مېتال ئېلېمېنتلىرىنى سۈمۈرۈۋالسا، مېتال ئورگانىك ماددىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ يوپۇرماق، گۈل چېڭى ئارقىلىق ئۆسۈملۈك سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، ئۇنىڭ زەررىچىلىرى شامال بىلەن ھاۋاغا تارايدۇ، ئايروپىلاندىكى ئەسۋابلار بۇ زەررىچىلەرنى يىغىۋېلىپ، شۇ يەردە قانداق مېتال كانىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالىدۇ.