UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىتوك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋ

توك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سۇلياۋ يېنىك، ئەۋرىشىم ۋە ئەرزان بولغانلىقتىن مېتال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. كېيىن ئالىملار ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزىدىغانلىقىنىمۇ بايقىدى.1970 - يىلىنىڭ بىر كۈنى ياپونىيە توكيو تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بىر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ خىمىيىۋى تەجرىبىسىنى ئىشلەۋاتقاندا، ياپون تىلىغا پىششىق بولمىغانلىقتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى خاتا چۈشىنىپ، بىر خىل خىمىيىۋى ماددىنى ئاتسېتىلېن گازىغا كۆپرەك ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە كۈتۈلگەن قارا پاراشوك كېلىپ چىقماي، مېتالغا بەك ئوخشايدىغان سۇلياۋ نېپىز پەردە ھاسىل بولىدۇ. بەش يىلدىن كېيىن ئامېرىكىلىق پروفېسسور ماك دىيارمىد ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ ئاقۇچ سۇلياۋغا ھەيران قالىدۇ. ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئازراق يودنى بۇ سۇلياۋغا قوشىدۇ، كۈتمىگەن يەردىن بۇ سۇلياۋنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى3 مىڭ ھەسسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ! شۇنىڭ بىلەن مېتالغا ئوخشاش توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بولغان سۇلياۋ دۇنياغا كېلىدۇ. مېتالغا بەك ئوخشايدىغان مۇنداق سۇلياۋ توك ئۆتكۈزىدىغان بىرىكمە تىپلىق يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيالدۇر. ئۇ پولىئېتىلېن، پولىپىررول، پولىتىئونېن، پولىفېنلامىن قاتارلىق يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە (پولىمېر) سۇلياۋغا مەلۇم بىر خىل ئىئوننى ئارىلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىپ ۋە رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەم ئۆتكۈزگۈچلۈك، ھەم سۇلياۋلىق ئارتۇقچىلىقى بار. مېتاللارنىڭ توك ئۆتكۈزۈشى ئېلېكترون ۋە كاۋاكلارنىڭ توك ئېقىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئەمىسە، سۇلياۋ نېمىشقا توك ئۆتكۈزەلەيدۇ؟ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، سۇلياۋ يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە، مولېكۇلىلىرىدا نۇرغۇن كاربون ئاتوملىرى، ھىدروگېن ئاتوملىرى «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ» ئۇزۇن زەنجىر ھاسىل قىلىدۇ. كاربون ئاتوملىرىنىڭ ئۆزئارا بىر ياكى بىرنەچچە ئېلېكتروننى «تارتىپ» تۇرۇش قابىلىيىتى بولىدۇ. بىرنەچچە ئېلېكتروننى تارتىپ تۇرغان كاربون ئاتوملىرىنىڭ ئېلېكترونلارنى كونترول قىلىش قابىلىيىتى ئاجىز بولۇپ، ئارىلاشما ماددىلارغا ئېلېكتروننى ئوڭايلا تارتقۇزۇپ قويىدۇ - دە، بۇ ئېلېكتروننىڭ ئورنىدا كاۋاك قالىدۇ. خۇددى ماشىنىلار بىلەن لىق تولغان ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن بىر ماشىنا چىقىپ كەتسە، ئورنى بوش (كاۋاك) قالغانغا، ئاندىن ئۇ يەرگە باشقا ماشىنىنى توختىتىشقا بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش، سىرتتىن مەلۇم توك بېسىمى بېرىلسە، بىرىكمە مولېكۇلىسىدىكى بوش ئورۇننى يېنىدىكى ئېلېكترون كىرىپ ئىگىلەيدۇ ۋە بۇ ئېلېكتروننىڭ ئەسلىي ئورنى بوش (كاۋاك) قالىدۇ. بۇ ئورۇننى يەنە بىر قوشنا ئېلېكترون كېلىپ ئىگىلەيدۇ، ئەنە شۇنداق ئۈزلۈكسىز ئالمىشىش نەتىجىسىدە توك ئېقىمى پەيدا بولىدۇ. توك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋدىن ياسالغان سۇلياۋ باتارېيىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى بۇلۇتنىڭ سۇ سۈمۈرگىنىگە بەك ئوخشايدۇ، زەرەت قويۇپ بەرگەندە ئېلېكتر قۇتۇپى ئېلېكترونلارنى چەتكە قاقىدۇ؛ زەرەتلىگەندە ئېلېكتر قۇتۇپى يەنە ئېلېكترون قوبۇل قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق تەكرارلىنىش جەريانىدا، ئېلېكتر قۇتۇپلىرى «ئېرىتمە» بىلەن ھېچقانداق خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە كىرىپ ئېرىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى زەرەتلىنىش - زەرەتسىزلىنىش ۋاقتى تېز، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ماشىنا ماتورى ياسالسا، تېزلىكى ۋە دۆڭگە يامىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۇنى كىيىمنىڭ ئىچكى دىۋارىغا توقۇسا، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىپ سوغۇقتىن ساقلاپ، مامۇقنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆينىڭ تام تاختىسى ياسىسا، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. توك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋنىڭ يەنە بىرنەچچە «ئاجايىپ ماھارىتى» بار: كۆرسىتىش ئەينىكىدە ئۆزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىغا قارشى كاشىلا پەيدا قىلىش قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئېلېكترو ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى سۈمۈرۈۋېلىش ئىقتىدارى بار، ئۇ يەنە ئېلېكترون، خىمىيە سانائىتى، نازۇك پرىبور قاتارلىق سانائەتلەردە ستاتىك توكقا تاقابىل تۇرالايدۇ. ياپونىيە يەنە تەركىبىدە كاربون، ئاليۇمىن قېتىشمىسى بار توك ئۆتكۈزىدىغان تالا ۋە توك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋلىق تاختاي تەتقىق قىلىپ چىقتى، ئۇنى يۆتكىگىلى، قۇراشتۇرغىلى، سۇ تولۇقلىغىلى ۋە يېپىشتۇرۇپ ئۇلىغىلى بولىدۇ، مۇنداق تاختاينى ئىشلەتسە، ئادەم تېنىدىكى ستاتىك توك يەرگە ئۆتۈپ كېتىپ، ئادەم ۋە ماشىنىلارغا خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى