UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىخىسلەتلىك قەلەملەر

خىسلەتلىك قەلەملەر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئۆگىنىش، خەت يېزىشتا قەلەمدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى قەلەمنىڭ شەكلى يېڭىچە، ئىقتىدارى كۆپ خىل بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ قۇلايلىشىدۇ. سۇيۇق قېرىنداش. كەلگۈسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىق قوراللىرى ئىچىدە ماي قەلەم ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ماي قەلەم ھازىرقىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا يېزىلغان خەتنى2 −3 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرگۈچتە ئاسانلا ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ، بىراق مۇشۇ ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتسىلا ئۆچۈرگىلى بولماي، مەڭگۈلۈك پوچېركىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىل ماي قەلەم «سۇيۇق قېرىنداش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى ماي قەلەملەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئىشلىتىلگەن سىياھىلا ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل سىياھ ئۇۋۇتۇلغان كاۋچوكقا قايناش نۇقتىسى تۆۋەن،60 مىنۇت ئىچىدە تولۇق ئۇچۇپ بولىدىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچى ئارىلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. نۇر سېزىدىغان ماي قەلەم. خىزمەت، ئۆگىنىشتە يورۇقلۇقنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۇر سېزىدىغان ماي قەلەم سىز تاللىغان يورۇقلۇقنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئېلېكترون سائەتلىك قەلەمدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، قەلەم غولىدىكى تۆشۈكچىگە ئۈچ كىچىك چىراغ ۋە قىسقۇچىغا بىر كۇنۇپكا ئورنىتىلغان. كۇنۇپكىنى باسقان ھامان چىراغلار يورۇيدۇ. قىزىل نۇر يورۇقلۇقنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، يېشىل نۇر يورۇقلۇقنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، سېرىق نۇر يورۇقلۇقنىڭ زىيادە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. رادىئو قوبۇللىغۇچلۇق ماي قەلەم. بۇ خىل قەلەم غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا مىكرو تىپتىكى رادىئو قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلغان ھەم بىر نائۇشنىك ۋە تۈگمە باتارېيە سەپلىنىدۇ. نائۇشنىكنى قۇلاققا تىقسىلا، رادىئو قوبۇللىغۇچ ئېلېكتر مەنبەسىگە ئۇلىنىپ، خەت يازغاچ رادىئو ئاڭلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى لەرزان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھېسابلىغۇچلۇق ماي قەلەم. ھېساب ئىشلىگەندە ياكى سانلارنى ستاتىستىكا قىلغاندا ھەم ھېسابلىغۇچ بىلەن ھېسابلاشقا، ھەم خاتىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ، ھېسابلىغۇچلۇق ماي قەلەم بۇ ئىككى خىل ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ماي قەلەملەردىن تومراق بولۇپ، قەلەمنىڭ ئارقا قىسمىغا مىكرو ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، قەلەم غولىدا فۇنكسىيە كۇنۇپكىلىرى ۋە سۇيۇق كرىستاللىق كۆرسەتكۈچ بولىدۇ. ئۇ قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئارىلاشما ئەمەللىرى، كۋادراتقا كۆتۈرۈش، كەسىر سان، مەنپىي سان، ئەكس سان ھەم دىر ۋە ئۆسۈمنى ھېسابلاش ئەمەللىرىنى ئورۇندىيالايدۇ. بۇ خىل قەلەم بانكا - مالىيە خادىملىرى، ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ھېسابلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى قۇرۇلۇش لايىھىسى ھېساباتلىرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى