دېڭىز - ئوكياندىن نېفىت ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
دېڭىز - ئوكيانلاردىكى نېفىت زاپىسى ئىنتايىن مول، يالغۇز چوڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىدىكى نېفىت زاپىسىلا پۈتۈن دۇنيا بويىچە قۇرۇقلۇقتا ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. دېڭىز - ئوكياندىن نېفىت ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۇرغىلاش سۇپىسى قۇرۇش كېرەك.
ئالىملار دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتىغا ئاساسلىنىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى بۇرغىلاش سۇپىلىرىنى لايىھىلىدى:
يۆتكەلمە قوزۇق پۇتلۇق بۇرغىلاش سۇپىسى. ئۇ نۇرغۇن پۇتى بار غەلىتە مەخلۇققا ئوخشايدۇ، تېيىز دېڭىزلاردا مەشغۇلات قىلىشقا باب كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى يىغىپ، مەشغۇلات نۇقتىسىغا كېمە بىلەن سۆرەپ ئاپىرىشقا بولىدۇ. كۆزلىگەن يەرگە بارغاندا پۇتلىرىنى ئاچقىلى، يەنە دېڭىز تەكتىنىڭ يانتۇلۇقىغا قاراپ ئۇزۇنلۇق تەڭشەپ، دېڭىز تېگىگە مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ چاغدا بۇرغىلاش سۇپىسى سۇ يۈزىگە چىقىدۇ، بوران - چاپقۇندىمۇ تەۋرەنمەيدۇ.
چۆكمە بۇرغىلاش سۇپىسى. ئۇنى ئاستىدىكى لەيلىگۈچلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ دېڭىز تەكتىگە مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ، ئۈستى پلاتقۇرما بولۇپ، تولۇق ئاپتوماتلاشقان بۇرغىلاش ۋە قېزىش ئۈسكۈنىلىرى بولىدۇ، يوغان تۇرۇبا قېزىلغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى دېڭىز تېگىدىن سۇ ئۈستىدىكى ماي پاراخوتلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. دېڭىز ئاستىدىكى تېلېكامېرا دېڭىز تېگىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بىرەر ئەھۋالنى بايقىغان ھامان، سېنزور بىخەتەرلىك كلاپانىنى ئاپتوماتىك ئېتىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ.
يېرىم چۆكمە شەكىللىك بۇرغىلاش سۇپىسى. ئۇنىڭدا ئېنېرگىيىلىك نىشان بەلگىلەش شەكلىدە قۇدۇق ئورنى ۋە بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ ئورنى ئىنتايىن توغرا مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، لەيلەش دائىرىسى تولىمۇ كىچىك دائىرىدە چەكلىنىدۇ، ئۇ تېيىز دېڭىزلاردىمۇ، تىرەن ئوكيانلاردىمۇ مەشغۇلات قىلالايدۇ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئاسان يۆتكىگىلى بولىدۇ.
ئالىملار يەنە بۇرغىلاش، نېفىت ئېلىش، توشۇش ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى بىرلەشتۈرۈلگەن مەشغۇلات سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىرنەچچە سۇپا ئاسما كۆۋرۈك بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، كۆۋرۈك ئۈستىگە توشۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلىدۇ، قېزىلغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى ئۇنىڭ بىلەن نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ياكى ماي پاراخوتىغا دەرھال يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بەزى لەيلىمە شەكىللىك مۇز يارار بۇرغىلاش سۇپىلىرى مۇز بىلەن قاپلانغان ئوكيانلاردا ئۇدا مۇز يېرىپ مەشغۇلات قىلالايدۇ.