ئالەم ئايروپىلانى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ خىل ئايروپىلان ئادەتتىكى ئايروپىلانلارغا ئوخشاش گورىزونتال كۆتۈرۈلەلەيدۇ، سۈرئىتى ئاتموسفېرا قەۋىتىدە سائىتىگە16 مىڭ −30 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتىنى بىۋاسىتە تېزلىتىپ يەر شارى ئوربىتىسىغا كىرىپ، ئالەم ئايروپىلانى بولالايدۇ؛ ئاتموسفېرا قەۋىتىگە قايتقاندىن كېيىن، يەنە ئايروپىلانغا ئوخشاش ئايرودرومغا قونۇپ، ئالەم بىلەن يەر ئارىلىقىدا ئەركىن ئۇچىدىغان قورالغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانى دەپ ئاتايدۇ.
ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانىغا ھاۋا تۇربىنىلىق ماتور، شتامپلانغان ماتور ۋە راكېتا ماتورى قاتارلىق ئۈچ خىل ماتور ئورنىتىلغان. ھاۋا تۇربىنىلىق رېئاكتىۋ ماتورى بولغاچقا، ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانى گورىزونتال ئۇچالايدۇ. سائەتلىك سۈرئىتى2400 كىلومېتىردىن ئاشقاندا، شتامپلانغان ماتور ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانى يەر يۈزىدىن60 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاتموسفېرا قەۋىتىدە سائىتىگە30 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن سۈرئەت بىلەن ئۇچىدۇ. ئەگەر راكېتا ماتورى ئىشلىتىلىپ تېزلىتىلسە، ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن چىقىپ، ئالەم ئايروپىلانىغا ئوخشاش، بىۋاسىتە ئالەم بوشلۇقىغا كىرىدۇ.
ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانىنىڭ قۇرۇلما ماتېرىيالىغا بولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇچۇۋاتقاندا ئۇنىڭ بېشى بىلەن قانىتىنىڭ ئالدى گرۋىكىنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃ 2760 قا يېتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ئالەم ئايروپىلانىنىڭكىدەك قىزىشتىن مۇداپىئەلىنىش كاھىش قېپى كارغا يارىماي قالىدۇ. ئالىملار بىر خىل يېڭى تىپتىكى بىرىكمە ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، شۇنىڭدەك بەزى ئالاھىدە قىسىملىرىغا يېڭى تىپتىكى سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاندى.
ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، ترانسپورت ھەققى ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئوندىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا كۆلىمى زور، ئۈسكۈنىلىرى مۇرەككەپ بولغان ئالەمگە قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ بولۇشى ھاجەت ئەمەس. ئاۋىئاتسىيە − ئالەم ئايروپىلانى بىر قېتىملىق ئۇچۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر ھەپتىلىك رېمونت، ئاسراشتىن كېيىن يەنە ئۇچالايدۇ. كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرغانغا ئوخشاش ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەت قىلالايدۇ. ئالەم بوشلۇقىغا چىقمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ، ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدىكى دوستلىرىنى يوقلاشمۇ ئىنتايىن ئاسان.