UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسى

سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى توكنى «ئامانەت قويۇش» قا بولمايدۇ، شۇڭا، توك جىق چاغلاردا ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاز چاغلاردا يېتىشمەيدۇ. بەزىلەر «توك بانكىسى» قۇردى، ئۇ يەردە توك پۇلغا ئوخشاش ئامانەت قويۇلىدۇ. يەنى، توك جىق چاغلاردا توك بىلەن سۇ تارتىپ ئېگىزدىكى سۇ ئامبىرى جىقلىنىدۇ، توك ئاز چاغلاردا بۇ سۇدىن توك ئېلىپ تارقىتىلىدۇ. كىشىلەر ئۇنى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسى دەپ ئاتاشتى. شەرقىي جۇڭگودا سانائەت تەرەققىي قىلغان، ئادەم زىچ، توك ئىشلىتىش گاھ ئەۋجىگە چىقسا، گاھ پەسكويغا چۈشىدۇ، ئەۋجىگە چىقىش بىلەن پەسكويغا چۈشۈش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق2 −3 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ، ئالىملار بىر چارە ئويلىدى، ئۇنىڭدا مەشھۇر تەيخۇ كۆلى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئارقا تىرىكى قىلىنىدۇ، توك ئىشلىتىش پەسكويىغا چۈشكەندە سۇ تارتىلىپ تەيخۇ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، توك ئىشلىتىش ئەۋجىگە چىققاندا بۇ سۇ قويۇپ بېرىلىپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ، ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، بۇ يەردە سۇ تارتىلىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن5 —6 نى قۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا،1993 - يىل7 - ئايدا، ئېلىمىز جېجياڭدىكى ئەنجىدە تيەنخۇڭپىڭ »توك بانكىسى« قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ئۇ توك كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەرگە يېقىن جايلاشقان، سۈيى مول، ئوتتۇرىچە گورىزونتال پەرقى566 مېتىر كېلىدۇ. بۇ توك بانكىسى پۈتسە، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەۋجىگە چىقىش ۋاقتى توكى تارقىتىپ، شەرقىي جۇڭگو ئېلېكتر تورى ئۈچۈن يىلىغا200 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ بېرىدۇ. ئالىملار يەنە ھەم توك ھاسىل قىلىپ، ھەم سۇ تارتىدىغان بىر خىل گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىختىرا قىلدى، بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئادەتتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانىسىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ ھەم كۈندۈزى سۇنى قويۇپ بېرىپ توك تارقاتقىلى، ھەم كۈندۈزى توك ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن سۇنى كېچىسى تارتىپ ئامبارنى جىقلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بەزىلەر10 كىلوۋات / سائەت توك بىلەن تارتىپ چىققان سۇدىن10 كىلوۋات / سائەت توك ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، مۇنداق توك ساقلاشنىڭ نېمە پايدىسى بار، دەپ ئەنسىرەيدۇ، شۋېتسارىيىدىكى بىر ئىش بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ: غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەت ھالقىغان بىرلەشمە ئېلېكتر تورلىرى كىشىلەرنى كېچىسى توك ئىشلىتىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، كۈندۈزلۈك توك باھاسىنى كېچىلىك باھادىن2 −3 ھەسسە يۇقىرى قىلىپ بېكىتكەن. شۋېتسارىيىلىكلەر بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ سۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، دەرھال باشقا دۆلەتلەرنىڭ كېچىلىك ئەرزان توكىنى سېتىۋېلىپ، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلىغان ۋە ئۆز خەلقىنى تەمىنلىگەن، كۈندۈزى توك باھاسى ئۆرلىگەندە، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتر ئىستانسىسى ھاسىل قىلغان توكنى ئېكسپورت قىلىپ، ئارىدىن جىق نەپ ئالغان.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى