ئاتوم باتارېيە
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئامېرىكا1977 - يىلى8 - ئاي ۋە9 - ئايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى «ساياھەتچى» ئالەم كېمىسى قويۇپ بەردى، ئۇلارغا دىئامېتىرى30 سانتىمېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1 مېتىرغا يەتمەيدىغان ئۈچ باتارېيە ئورنىتىلغان. ئالەم كېمىلىرى ئون نەچچە يىلدىن بېرى10 مىليارد كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى، باتارېيە يەنىلا ئىشلىمەكتە. بۇ ئاتوم باتارېيىسىدۇر.
ئاتوم باتارېيىسى «رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلۇق تېرمو ئېلېكترىك توك تارقاتقۇچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تېرموئېلېكترىك توك تارقاتقۇچ1823 يىلى كەشىپ قىلىنغان. گېرمانىيە فىزىكى سېبىك تەجرىبىخانىدا ئىككى خىل مېتالنى ھالقىسىمان ئۇلاپ، ئۇلانغان ئۇچىنى قىزىتسا، بۇ ھالقىنىڭ يېنىغا قويۇلغان كومپاس ئىسترېلكىسى قايىدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر بۇ قىزىقارلىق ھادىسىدىن پايدىلىنىپ كېيىنچە بىر خىل باتارېيە ياسىدى. ئۇنىڭدا بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن يەنە بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىر ئۆتكۈزگۈچ ئارقىلىق U شەكىلدە چېتىلىدۇ، ئۆتكۈزگۈچ قىزىتىلسا، بۇ ئىككى يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ «سوغۇق» نۇقتىسىدا توك ھاسىل بولۇپ، لامپۇچكىنى يورۇتىدۇ، مانا بۇ سېبىك ئېففېكت باتارېيىسى، يەنى تېرمو ئېلېكترىك توك تارقاتقۇچتۇر.
ئاتوم باتارېيىسى تېرمو ئېلېكترىك توك ھاسىل قىلىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلمىدۇر. ئۇنىڭدا پلۇتونىي238 ، پولوني210 ، كيۇرىي242 ، سترونىتسىي90 قاتارلىق ئېلېمېنتلار قىزدۇرۇلىدۇ، بۇ يېقىلغۇلار چىڭ يەملەنگەن مېتال قاچىغا سېلىنىپ، ئۇلار ئاپتوماتىك ھالدا ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىدىغان نۇردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، ئۆتكۈزگۈچنى قىزدۇرغۇچى ئورنىدا، ئاتوم باتارېيىسىنىڭ رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپ ئىسسىقلىق مەنبەسى قىلىنىدۇ. بۇ ئىسسىق قاچىغا نۇرغۇن جۈپ - جۈپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر ئورنىتىلغان، ئۇلار ھاسىل قىلغان توك خېلىلا جىق.
ئاتوم باتارېيىسىنىڭ خىزمىتى ئىشەنچلىك، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ، چەت ئەللەردە15 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەيدىغان توك تارقاتقۇچىلارنى لايىھىلىدى. ئاتوم باتارېيىسى ئۈن - تىنسىز ئىشلەيدۇ، ئۇ قۇياش باتارېيىسىگە ئوخشاش قۇياش نۇرىغا تايانمايدۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ چىرىتىشىدىنمۇ قورقمايدۇ. ئالەم قاتناش، دېڭىز ئاستى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى شۇكى،1970 - يىلى4 - ئايدىن باشلاپ، مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئاتوم باتارېيىلىك يۈرەك قوزغاتقۇچ ئادەم تېنىگە ماكانلىشىپ، بىمارلارنىڭ يۈرىكىنىڭ نورماللىشىشىغا ياردەم بەرمەكتە.