ئىئون كىرگۈزۈش تېخنىكىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئالىملار سەزگۈر ئەسۋابلار بىلەن ئايدىكى چاڭ - توزاندىن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل تۆمۈرنى بايقىدى. بۇ ئاي تۆمۈرى شۇنچە ناچار شارائىتتىمۇ داتلاشمىغان. تەتقىق قىلىنىشىچە، بۇنى قۇياش كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.
ئەسلىدە، قۇياش ھەر خىل زەررىچىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نېئون، گېلىي، ئارگون ئىئونلىرىمۇ بار. ئاينىڭ ئەتراپىدا ئاتموسفېرانىڭ قارشىلىقى بولمىغاچقا، بۇ قۇياش ئىئونلىرى ئاي تۆمۈرىنىڭ ئىچىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ، سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت كۆرۈنمەس «دۇبۇلغا - ساۋۇت» پەيدا قىلىپ، تۆمۈرنى داتلىشىشتىن ساقلايدۇ. ئالىملار كېيىن ئايدىن يەنە داتلاشمايدىغان تىتان ۋە سىلىتسىيلارنىمۇ تاپتى.
«ئاسمان» دىكى مۇنداق ئىشلار «زېمىن» دىمۇ بولىدۇ.1864 - يىلى ئالىملار ئىئون كىرگۈزۈش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر سايمان كەشىپ قىلىپ، بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوملىرىنى زەرەتلەپ ئىئونغا ئايلاندۇردى. مۇنداق ئىئونلار ئاكسېلېراتور (تېزلەتكۈچ) دا تېزلىتىلگەندىن كېيىن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالغا ئوققا ئوخشاش ئۇرۇپ كىرگۈزۈلۈپ، ئېسىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتالى ياسىلىدۇ.
ئالىملار كېيىن بۇ ئىئون كىرگۈزۈش يېڭى تېخنىكىسىنى ماتېرىياللارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىپ، مېتال دېتاللارغا شەكىلسىز «دۇبۇلغا - ساۋۇت» كىيدۈرۈپ، پولات - تۆمۈرلەرنى سۈركىلىشكە چىداملىق، تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئەۋرىشىم قىلدى ھەم داتلاشماس پولاتتىنمۇ ئۆتە چىرىمەيدىغان مېتال زاپچاسلارنى ياسىدى.
ئىئونلار نېمە ئۈچۈن مېتال زاپچاسلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاتتىق ۋە سۈركىلىشكە چىداملىق قىلالايدۇ؟ ساپ تۆمۈر ۋە پولاتنى مىسالغا ئالساق، كاربون، ئازوت ئىئونلىرى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مېتاللار كاربون بىرىكمىلىرى ۋە ئازوت بىرىكمىلىرى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ بىرىكمىلەر ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىئون كىرگۈزۈلسە، مېتال ئاتوملىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ، مېتال تېخىمۇ قاتتىقلىشىدۇ، كىرگۈزۈلگەن ئىئونلار تۆمۈرنىڭ «قوغدىغۇچىسى» غا ئايلىنىپ، مېتال زاپچاسنىڭ سىرتقى يۈزى سۈركەلگەندە، ئىئونلار ئۆزلۈكىدىن چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىئونلار يۈزە كىرگۈزۈلسىمۇ، مېتاللارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى خېلى چوڭقۇر دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زاپچاسلارنى سۈركىلىشكە چىداملىق قىلىدۇ.
كاربون، ئازوت، خلور، مولىبىدېن، سىلىتسىي قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئىئون كىرگۈزۈشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە خلور، ئاليۇمىن ۋە سىلىتسىيلار كىرگۈزۈلسە، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق بىرىكمىلەر ھاسىل بولىدۇ، مېتال دېتاللارنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، ئىئونلار مېتاللارنىڭ ئىچكى قىسمىغا قىسىلىپ كىرىپ، مېتال ئاتوملىرى بىلەن بىرىكىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىرغا ئوخشاش ئاسان سويىلىپ كەتمەيدۇ.
كىشىلەر «ئاي تۆمۈرى» نىڭ ئىلھامى بىلەن، قۇياشنىڭ تەبىئىي «ئىئون كىرگۈزۈش ماشىنىسى» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئالىملار ئايغا ئوخشاش شارائىت يارىتىپ، ئىئون كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنى كەڭ قوللىنىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.