ئېلېكترو فورېزلىق سىرلاش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
رەڭگارەڭ ماشىنىلار، كۆركەم توڭلاتقۇلارنىڭ ھەممىسى سىرلىنىدۇ. بۇرۇن چوتكىلاش، چىلاش، پۈركۈش يوللىرى بىلەن سىرلىناتتى. ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى، سۈرئىتى تۆۋەن ئىدى، تەكشى سىرلىغىلىمۇ بولمايتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىردا نۇرغۇن خىمىيىۋى ئېرىتكۈچىلەر بولۇپ، ئوڭاي ياناتتى، ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزەتتى. بۇ يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىدىغان يېڭى ئۇسۇل ئېلېكترو فورېزلىق سىرلاش دېيىلىدۇ.
ئېلېكترو فورېزلىق سىرلاشتا، سۇدا ئېرىيدىغان بىر خىل سىردىن تۇراقلىق توك ئۆتكۈزۈپ ئىئونلاشتۇرۇلۇپ، زەرەتلىك (مەسىلەن، مەنپىي زەرەتلىك) زەررىچە ھاسىل قىلىنىدۇ، زەرەتلىك ئىئونلار ئېلېكتر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە يۆنىلىشلىك ھەرىكەت قىلىپ، ئانود (مۇسبەت قۇتۇپ) قا سۈرۈلىدۇ. ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، ئانودتىكى دېتال يۈزىگە سىر تەكشى چۆكىدۇ، سىرتقى يۈزدىكى كۆپۈكچىلەر سۇدا چايقىلىپ قاقلاپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، تەكشى، سىلىق، پارقىراق ئېلېكترو فورېزلىق سىر قەۋىتى ھاسىل بولىدۇ.
ئېلېكترو فورېزلىق سىرلىغاندا، چوڭ سىر ئوقۇرى بولسىلا بولىدۇ، ماشىنا قېپىنى ئوقۇردىكى سۇدا ئېرىيدىغان سىرغا چىلاپ توك ئۆتكۈزسە، ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ماشىنا قېپى كۆركەم، تەكشى، سىلىق، پارقىراق ئېلېكتروفورېزلىق سىر بىلەن سىرلىنىدۇ.
ئېلېكترو فورېزلىق سىرلاش بىخەتەر، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. تېخى سىرلاش جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، سىرلاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ شەكلى مۇرەككەپ دېتاللارنى سىرلىغاندا، ئېلېكترو فورېزلىق سىرلاش ئۆزىنىڭ «كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ.