رادىئاتسىيىلەنگەن يېمەكلىك
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ رادىئاتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان يېمەكلىك بولۇپ، توڭلىتىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدا كۈمۈش ۋاراققا ئورالغان گۆش يېمەكلىكلەر بازارغا سېلىنغان، ئۇ مەخسۇس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان شىرنىلىك توخۇ گۆشى، كالا گۆشى ۋە ئورۇق چوشقا گۆشى بولۇپ، ئالتە يىلدىن ئارتۇق ساقلانغان بولسىمۇ، يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، تەمى، پۇرىقى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يېڭى ۋاقتىدىكىدىن پەرقلەنمىگەن.
يېمەكلىكنى رادىئاتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاۋۋال يېمەكلىك كۆپ قەۋەتلىك نېپىز سۇلياۋ خالتىغا سېلىنىدۇ ۋە ۋاكۇئۇملاش پومپىسى ئارقىلىق خالتىدىكى ھاۋا تارتىپ چىقىرىلىپ، سۇيۇق ئازوتقا سېلىنىپ سوۋۇتۇلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىشتا، يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، تەمى، گۆشنىڭ سۈپىتى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
رادىئاتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش قېلىنلىقى8 .1 مېتىر كېلىدىغان تام بىلەن ئورالغان يوغان ئۆيدە ئىشلىنىدۇ. ئادەتتە گامما نۇر ۋە ئېلېكترون دەستىسى ئىشلىتىلىدۇ. گامما نۇرلار ئېلېكتروننى يېمەكلىك مولېكۇلىسى ياكى ئاتوم قۇرۇلمىسىدىن چىقىرىپ، ئىئونغا ئايلاندۇرىدۇ. يېڭى ھاسىل بولغان ئىئون بىلەن باكتېرىيە، زەمبۇرۇخ ياكى باشقا ھاشارات تۇخۇملىرىدىكى ئاقسىللار رېئاكسىيىلىشىپ، بۇ مىكرو ئورگانىزملار ۋە ھاشارات تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاتوگېنلارنى ۋە ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان رادىئاتسىيە مىقدارى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاز مىقداردىكى رادىئاتسىيە ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ بىخلىنىشى ۋە زىيادە پىشىپ كېتىشى تىزگىنلىنىدۇ ھەم كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ۋە پارازىت قۇرت قاتارلىقلار ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوتتۇراھال مىقداردىكى رادىئاتسىيە ئارقىلىق گۆش تۈرلىرى، تۇخۇم، بېلىق تۈرى، قۇلۇلە تۈرى، مېۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى، سالمونېللا باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. كۆپ مىقداردىكى رادىئاتسىيە ئارقىلىق باكتېرىيىنى تولۇق يوقاتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىلغان گۆش تۈرلىرى، بېلىق تۈرلىرى، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىقلار.
يېمەكلىكنى رادىئاتسىيىلەشنىڭ قوللىنىلىشى ئىنتايىن كەڭ. كۆكتاتلارنى رادىئاتسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى تىزگىنلەپ، ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى، پىشىش مەزگىلىنى كېچىكتۈرۈپ، خەلقنى كۆكتات ئاز پەسىللەردە تېخىمۇ كۆپ كۆكتات سورتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، گۆش تۈرىدىكىلەردە رادىئاتسىيە ئارقىلىق باكتېرىيە يوقاتقاندا، ئۇلارنى ئۇزاق ھەم يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ. بانان، لىجى مېۋىسى، سىترۇس ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرىنى رادىئاتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، پىشىش مەزگىلىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. يىراق جايغا توشۇغاندىمۇ بۇزۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. تۈرلۈك داڭلىق ھاراقلارنى رادىئاتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندا، ئېچىش جەريانىنى تېزلىتىپ، سۈپىتىنى ياخشىلاپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
رادىئاتسىيىلەنگەن يېمەكلىكنى نورمال تېمپېراتۇرىدا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى، نۇرغۇن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى تېجىگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ياخشى بولۇپ، دورا قالدۇقلىرى يوق، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، بۇ كەلگۈسىدىكى ھەربىي ئىشلار، داۋالاش، ساياھەتچىلىك ۋە دالا خىزمىتىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك.