ھەر خىل ئاياغلار
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئادەم ئۆمىرىدە جەمئىي400 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭىدۇ، بۇ يەر شارىنى10 قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر. كىشىلەر مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇساپىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى پۇتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان ئاياغلارنى كىيىدۇ، ئۆزلىرى مەشغۇل بولۇۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىداردىكى ئاياغلارنى تاللاپ كىيىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاياغلار كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرالايدۇ، تۈرلۈك پاسوندىكى ھەر خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە ئاجايىپ ئاياغلار بارلىققا كېلىپ ئاياغ دۇنياسىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرىدۇ.
مۇزىكىلىق ئاياغ. بۇ بالىلار ياقتۇرىدىغان ئاياغ بولۇپ، ئاياغنىڭ ئاستىغا باسما ئېلېكتر يولى تاختىسى، باتارېيە، ئاۋاز تەڭشىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاياغنىڭ چۆرىسىدىكى يانتۇ يۈزىگە تۆت ساز كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىككى ئاياغدىكى ساز كۇنۇپكىلىرىنى تەرتىپ بويىچە دەسسىگەندە، سەككىز نوتا تاۋۇشى چىقىدۇ. بالىلار ئۇنى كىيىپ يول ماڭسا، ئۇسسۇل ئوينىسا، ئۇلارغا مۇزىكا جور بولىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاياغ. بۇ خىل ئاياغقا كىچىك تىپتىكى گېنېراتور ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاياغ چەمىدىكى رېزىنكە چاقنى دومىلىتىدۇ ياكى ئاياغ پاشنىسىغا ئورنىتىلغان كومپرېسسورنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ئادەمنى كومپرېسسور پۈركۈپ چىقارغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ رېئاكتىۋ كۈچى ئالدىغا ئىتتىرىدۇ. بۇ خىل ئاياغنى كىيگەندە، سائىتىگە10 −20 كىلومېتىر يۈرگىلى بولىدۇ.
سۇدا يۈرىدىغان ئاياغ. بۇ خىل ئاياغنىڭ شەكلى ياغاچ چانىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ دەل مەركىزى پۇتنى ساپىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئاستىدا سۇ چىقىرىدىغان ئىتتىرگۈچ بار. بۇ خىل ئاياغنى كىيگەن ئادەم قولىغا ئۇچىغا پەنەركە لەيلىگۈچ ئورنىتىلغان ئىككى تاياقنى ئېلىۋالسىلا، بەدەن تەڭلۇڭلۇقىنى ساقلاپ، دەريا - كۆللەردىن تۈز يەردە ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ.
كېچىسى نۇر چىقىرىدىغان ئاياغ. بۇ خىل ئاياغنىڭ ئالدىغا كىچىك لامپۇچكا، پاشنىسىغا مىكرو باتارېيە ئورنىتىلغان ۋە ۋىكليۇچاتېل سەپلەنگەن بولىدۇ، كېچىدە يول يۈرگەندە يولنى يورۇتالايدۇ. كېچىدە يورۇق چىقىرىدىغان يەنە بىر خىل ئاياغ نۇر چىقارغۇچى ماتېرىياللار قوشۇلغان سۇلياۋدىن ياسىلىدۇ، كېچىدە سۇس نۇر چىقىرىدۇ، بۇ كېچىدە دىجورنىلىق قىلىدىغان خادىملارغا ئىنتايىن باب كېلىدۇ.
ماگنىتلىق ئاياغ. ئاياغنىڭ ئىچ چەمىدىكى مەلۇم ئورنىغا (مەسىلەن، تاپاندىكى يۇڭچۈەن پەللىسى) گە تۇراقلىق ماگنىت قويۇلىدۇ ياكى ئاياغ چەمىگە پيېزو ئېلېكترىك ئېلېمېنت ۋە ئېلېكترو ماگنىت كارتۇشكىسى ئورنىتىلىدۇ، پەللە ماگنىت مەيدانىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن مۇئەييەن ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل ماگنىتلىق ئاياغ پۇتنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپلا قالماستىن، نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رولغا ئىگە.
تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىدىغان ئاياغ. بۇ خىل ئاياغدا قىزىتقۇچ بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تېمپېراتۇرىغا ئاساسەن، ئاياغ ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئاياغ ياشانغان، كېسەلچان، مېيىپ كىشىلەرگە ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونلاردىكى چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە تازا باب كېلىدۇ.
دورىلىق ئاياغ. چەم ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا پاراشوكسىمان ئورگانىك ماددىلار ياكى ئاروماتىك جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تولدۇرۇلىدۇ، بۇلار پۇتتىكى تەر، نەملىكنى سۈمۈرۈپ، پۇت قىچىشىشنى يوقىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق پۇت كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سېسىق پۇراقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ