يەر ئىسسىقلىقىدىن توك ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئايىغىمىزنىڭ ئاستىدىكى زېمىن چوڭ بىر «پار قازان»، ئۇ داۋاملىق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرىدۇ.1960
- يىل5 - ئاينىڭ22 - كۈنى چىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە100 مىڭ ئاتوم بومبىسىغا تەڭ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلگەن؛ تىنچ ئوكيان بويىدىكى ئالياسكا كاتمان يانار تاغ رايونىدا100 مىڭ پار بۇلاق ۋە ئارىشاڭ بۇلاق بار، ئۇلاردىن يىلىغا چىقىدىغان ئىسسىقلىق165 تىرىليون (1013×5.16) كىلو جوئۇلغا يېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، يەر تېگىدىن ھەر يىلى يەر ئۈستىگە100 مىليارد گالون نېفىت كۆپەيگەنگە تەڭ ئىسسىقلىق چىقىدىكەن، بۇنىڭدىن يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنىڭ نەقەدەر موللۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كىشىلەر يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى ئانچە كۆپ ئاچمىدى، ئاساسەن يەر ئاستىدىكى ئىسسىق سۇ ۋە پاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىسسىق سۇ بىلەن پار قىزىق جىنسلارنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ يەرگە سىڭگەن سۇلارنى قىزىتىشىدىن ھاسىل بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىرەيلەن يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇنداق چارىسىنى لايىھىلىگەن: تۈز قۇدۇق كولاپ، قىزىق جىنس قەۋىتىگە يەتكەندە قۇدۇق يانتۇلاشتۇرۇلىدۇ. يانتۇ قۇدۇق تىك قۇدۇقنىڭ ئاستى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، تىك قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى قۇدۇق ئىسسىق جىنسلار پارتلىتىلىپ، نۇرغۇن تۆشۈك ياكى يېرىقلار ھاسىل قىلىنىدۇ؛ ئاندىن يانتۇ قۇدۇققا سوغۇق سۇ قۇيۇلىدۇ، سوغۇق سۇ قۇرۇق ئىسسىق جىنسلار ئارىسىدا ئىسسىپ پارغا ئايلىنىپ، تىك قۇدۇقتىن يەر ئۈستىگە چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر يەر تېگىدىن ئىسسىق سۇ ۋە پار ئالىدۇ.
يەر ئىسسىقلىقىدىن توك ھاسىل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ.
ئەگەر يەر ئاستىدىن چىققىنى قۇرۇق پار بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. مۇنداق يەر ئىسسىقلىقىدىن توك ھاسىل قىلىشنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ ئاددىي بولىدۇ.
مۇبادا يەر ئاستىدىن چىققىنى ئىسسىق سۇ بولسا، بۇ ئىسسىق سۇ بېسىم تۆۋەنلىتىپ كېڭەيتكۈچكە يوللىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ بېسىمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئىسسىق سۇ دەرھال قايناپ پارغا ئايلىنىدۇ. بۇ پار تۇربىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىش ئىشلەيدۇ ياكى ئىسسىق سۇغا خلورلۇق ئېتان، خرېئون قاتارلىق قايناش نۇقتىسى ناھايىتى تۆۋەن ئالاھىدە ماددىلار قوشۇلسا، سۇ شۇئان قاينايدۇ. ئاندىن قايناش نۇقتىسى تۆۋەن ماددىلارنىڭ پارى بىلەن تۇربىنا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.
يەر ئىسسىقلىقىدىن توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىنىشى ئاز. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئېلىمىز1970 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭدىكى فېڭشۈننىڭ دىڭۋو دېگەن يېرىدە تۇنجى يەر ئىسسىقلىقى تەجرىبە ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇردى، ھازىر شىزاڭنىڭ ياڭباجىڭ دېگەن يېرىدىكى يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتر ئىستانسىسى ئەڭ چوڭ. گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى2 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ.