UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسى«كان ئۇچۇرىنى بەرگۈچى« ھايۋانلار

«كان ئۇچۇرىنى بەرگۈچى« ھايۋانلار

پەن - تېخنىكا دۇنياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ۋېنېسۇئېلادا بىر خىل كۈل رەڭ كىچىك قۇش بار، ئۇ ھەمىشە «مورا» دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخنىڭ شېخىغا قونۇۋېلىپ سايرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈنىنى يىراق - يىراقلاردىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ. قۇش سايرىغان تەرەپكە بېرىپ ئىزدىسە، قۇش قونغان ئەتراپتىن ئالتۇن رۇدا تۆمۈرىنى تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «كانچى قۇش» دېيىشىدۇ. كانچى قۇش نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالتۇن كانىنى تېپىشىغا يول باشلاپ بېرەلەيدۇ؟ ئەسلىدە مورا دەرىخى ئالتۇن رۇدا تۆمۈرى بار يەرلەردە ئۆسىدۇ، ھېلىقى كانچى قۇش بولسا مورا دەرىخىنىڭ شېخىدا ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كان تېپىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن كان تېپىش «يۆنىلىشى» ئوخشىمايدۇ. نەسىللىك بىر تايغان2 مىليون خىل پۇراقنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. مۇبادا ئۇ مەخسۇس تەربىيىلەنسە، پۇرىقى بار كانلارنى تاپالايدۇ. سۇلفىدلىق بىرىكمىلەرنىڭ ئالاھىدە بىر خىل پۇرىقى بار. بەزى دۆلەتلەر نۇرغۇن سۇلفىدلىق كان ياتمىلىرىنى ئىتقا تاپتۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كان تاپىدىغان بىر ئىت بولغانىكەن، ئۇ ئويلىمىغان جايلاردىن ئاق ۋولفرام كان ياتمىسىنى تاپقانىكەن. چۈمۈلىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر ئاستى قەسىرىنى سالغاندا، چوڭقۇر قاتلامدىكى توپىلارنى سىرتقا چىقىرىپ «چۈمۈلە تېغى» پەيدا قىلىدۇ. كىرپە، تۇلۇم چاشقانلار يەر تەكتىدىكى كۆمۈر ئۇۋاقلىرى ۋە باشقا مەدەن پارچىلىرىنى يەر يۈزىگە چىقىرىدۇ، بۇ ماددىلارنى تەھلىل قىلىپ، يەرنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىكى ئەھۋاللارنى بىلگىلى، كېرەكلىك كان بايلىقلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئافرىقىدىكى زىمبابۋېدە كىشىلەر چۈمۈلە دۆۋىلەپ قويغان نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىپ ئالتۇن كانىنى تاپقان؛ موزامبىكتا ھايۋانلار چىقىرىپ قويغان نەرسىلەرنى لابۇراتورىيىلىك تەكشۈرۈپ، مىس، نىكېل قاتارلىق كانلارنى تاپقان. ئېلىمىزنىڭ گۇاڭشىدىكى ياما ناھىيىسىدە ۋە شەرقىي شىمالدىكى بەزى جايلاردا كىشىلەر توخۇ، ئۆردەك ئۆلتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ پوكىنىدىن ئالتۇن دانچىلىرىنى تاپقان، ئۆردەك ھەمىشە بارىدىغان يەرلەردىن ئالتۇن كانىنى تاپقان. يەنە چوڭى تۆگىدىن كىچىكى ھەسەل ھەرىسىگىچە، ھەتتا دېڭىزدىكى ئاسسىدىيە قاتارلىقلارمۇ بىزنىڭ يەر ئاستى ۋە دېڭىز تەكتىدىن كان بايلىقلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
«كان ئۇچۇرىنى بەرگۈچى« ھايۋانلار | UyghurWiki | UyghurWiki