UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى

ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بەزى دۆلەتلەرنىڭ كوچىلىرىدا پىيادىلەرنى ئاپتوماتىك توشۇيدىغان پىيادىلەر يولى بارلىققا كەلدى. ياپونىيىنىڭ مەلۇم جايىدىكى ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى سائىتىگە2 .3 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كۈنىگە1 مىليوندىن ئارتۇق يولۇچىنى توشۇيدۇ. فرانسىيىنىڭ پارىژدىكى ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى پارىژدىكى يېڭى سودا مەركىزىنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، سائىتىگە19 مىڭ ئادەمنى توشۇيدۇ. ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى، ئەمەلىيەتتە، ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرىلىيەلەيدىغان ئۇزىتىش تاسمىسى بولۇپ، زاۋۇتتىكى مەشغۇلات لىنىيىسىگە ئوخشايدۇ. بەزى چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، ئاپتوموبىل بېكەتلىرى ياكى ئايرودروملاردىكى كۈتۈش زاللىرىغا ئورنىتىلغان گورىزونتال ھەرىكەتلىنىدىغان لىفت مۇشۇ خىل ئاپتوماتىك قۇرۇلمىدۇر. ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى يولغا ياسالغان تەكشىلىك لىفتتىن ئىبارەت. ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى تېز سۈرئەتلىك ۋە ئاستا سۈرئەتلىككە ئايرىلىدۇ. تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە25 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ شەھەر ئىچى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنىڭ سۈرئىتىگە تەڭ كېلىدۇ؛ ئاستا سۈرئەتلىكلىرىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى5 كىلومېتىر بولۇپ، ئادەمنىڭ پىيادە سۈرئىتىگە توغرا كېلىدۇ. سۈرئەت تېزلىتىلگەندە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يولۇچىلار ئاۋۋال سائەتلىك سۈرئىتى2 .3 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇزىتىش تاسمىسىنى دەسسەپ تۇرىدۇ. بۇ ئاستا سۈرئەتلىك يولنىڭ ھەرىكىتى ئاستا ھەم مۇقىم بولۇپ، ئۆزى بىلەن پاراللېل تېز سۈرئەتلىك ئۇزىتىش تاسمىسىغا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، مەلۇم بۆلەكتە ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئىككى ئۇزىتىش تاسمىسى سائىتىگە16 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ، سىيرىلىپ كېتىش ياكى ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تاسما بىللە قۇلۇبلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا يولۇچىلار ناھايىتى ئاسانلا تېز سۈرئەتلىك سۇپىغا چىقىۋالىدۇ. مەنزىلگە بارغاندا ياكى يولۇچىلار ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىدىن ئايرىلماقچى بولغاندا، بايىقىنىڭ ئەكسىچە بولغان تەرتىپ بويىچە قىلسىلا، تىنچ تۇرغان يول ئۈستىگە چىقالايدۇ. ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىنىڭ بارلىققا كېلىشى شەھەر قاتنىشى ئۈچۈن يېڭى ساھە قوشتى. ئالىملار يەنە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى ئارقىلىق ئاۋات سودا رايونلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدە قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىغا چىقسىلا، بارماقچى بولغان خالىغان جايغا توسالغۇسىز بارغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولى | UyghurWiki | UyghurWiki