UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىزامانىۋىلاشقان كونتېينېر

زامانىۋىلاشقان كونتېينېر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئۆي كۆچكەندە مۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز: كىتابلار تېڭىق - تېڭىق، ئويۇنچۇقلار دانە - دانە، يەنە قەلەمدان، يېزىق قوراللىرى، ماركا دەپتىرى، ئۇششاق جابدۇقلار، تۈرى خىلمۇخىل، شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئېغىرلىقى ئوخشاش ئەمەس، ئادەم ئۇلارنى بىردىن - بىردىن يۆتكىمىسە بولمىغان، ھەم ۋاقىت، ھەم كۈچ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ قالايمىقان نەرسىلەرنى ئۆلچىمى بويىچە رەتلەپ، ئايرىم - ئايرىم تارتمىلارغا سالسا، ئاندىن تارتمىلارنى ئىشكاپقا سالسا، چوڭ ۋە ئۆلچەملىك مال بىرلىكىگە ئايلىنىدۇ، ئۇلارنى يۆتكەش، رەتلەش ئاسانلىشىدۇ. بۇ تارتما، ئىشكاپلار ھەر خىل ئۆلچەملىك كونتېينېرلارغا ئوخشايدۇ، ئۇ زامانىۋىلاشقان توشۇش قورالى. كونتېينېر تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان، مېخانىك قاچىلاش - چۈشۈرۈشكە بولىدىغان قاچا ۋە توشۇش قورالى. ئۇنىڭ سىغىمى كىچىكلىرى1 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، چوڭلىرى70 كۋادرات مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەملىك كونتېينېرلار ئۈچ يۈرۈش،12 خىل ئۆلچەملىك بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرى40 پۇتلۇق ۋە20 پۇتلۇق بولۇپ ئىككى خىل (ساندۇق ئۇزۇنلۇقنىڭ تەقرىبىي قىممىتى12 مېتىر ۋە6 مېتىر). ئېلىمىز كونتېينېرلىرىنىڭ ئۆلچىمى30 توننىلىق،20 توننىلىق،10 توننىلىق،5 توننىلىق بولۇپ تۆت خىل، كەڭلىكى ئوخشاش، ئېگىزلىكى ئىككى خىل، ئۇزۇنلۇقنىڭ تەقرىبىي قىممىتى ئايرىم - ئايرىم12 مېتىر،6 مېتىر،4 مېتىر،2 مېتىر. ھەممە كونتېينېرنىڭ ئاستى - ئۈستىدە تۆتتىن بۇرجەك بار، ھەر بۇرجەكتە ئۆلچەملىك بۇرجەك دېتالى بار، كونتېينېرنىڭ يۈزىدىن چوقچىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. كونتېينېرنى يەرگە قويغاندا، ساندۇق ئاستىدىكى تۆت بۇرجەك دېتالىغا تايىنىپ يەرگە دەسسەپ تۇرىدۇ؛ كونتېينېرلارنى توپلىغاندا، ئاستىدىكى كونېينېر تۆپىدىكى تۆت بۇرجەك دېتالىغا تايىنىپ ئۈستىدىكى كونتېينېرنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ يانمۇيان تۇرغان كونتېينېرلار بۇرجەك دېتاللىرىغا تايىنىپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قانداقلا دۆۋىلىسىمۇ، ساندۇقلارنىڭ ھەرقانداق يېقى زەخىملەنمەيدۇ. بۇرجەك دېتالى يەنە كۆتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش، تېڭىش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئىشلىتىش بەك قۇلاي. كونتېينېرلار ئېسىل پولاتتىن ياسىلىدۇ. ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ، ئاليۇمىن قېتىشمىسى، ئەينەك پولات ياكى داتلاشماس پولاتلاردىنمۇ ياسىلىدۇ، سىرتىغا قەۋەتمۇقەۋەت داتتىن ساقلاش سىرى سۈرتۈلىدۇ، ئىچى تەرەپ ئاستىغا قېلىن ياغاچ تاختاي قويۇلغان، كونتېينېرنىڭ يوچۇقلىرى چىڭ يەملەنگەن، يامغۇردىن، نەمدىن ساقلايدۇ، يىراققا توشۇش جەريانىدىكى ھەرقانداق ناچار ھاۋا شارائىتىدا ساندۇق ئىچىدىكى ماللار زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. كونتيېنېرلاردا توشۇش ئىشەنچلىك، مەھسۇلاتلارنى ئوراشمۇ كۆپ ئاسانلىشىدۇ. خەلقئارادا ماللارنى كونتېينېرلاردا توشۇش چوڭ بولۇش، ھەممىبابلىشىش، ئۆلچەملىشىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقتىن، دېڭىز، تۆمۈريول، تاشيوللاردا ئۇلاپ توشۇش ئىشقا ئېشىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئارىسىدىكى «مالنى ئىشىككىچە يەتكۈزۈپ بېرىش» مۇلازىمىتى يەر شارى مىقياسىدا ئىمكانىيەتكە ئايلاندى. ھەممىباب كونتېينېرلاردىن باشقا، سوغۇق ياكى ئىسسىق ساقلايدىغان كونتېينېر، چېچىق مال كونتينېرى، ئاپتوموبىل كونتېينېرى ۋە چارۋا مال كونتېينېرى قاتارلىقلارمۇ بار. ھازىر ئامېرىكا «ئەقىللىق» كونتېينېر ياساپ، مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ئورنىدا كونتېينېر ئىچىدىكى ئوكسىگېن، ئازوت ۋە باشقا گازلارنىڭ ئەڭ ياخشى قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى بىرنەچچە ھەپتىلىك توشۇش جەريانىدا يېڭى پېتىچە ساقلىماقتا، كونتيېنېرلارنى قاچىلاش - چۈشۈرۈشمۇ كومپيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىدۇ. كومپيۇتېر سىستېمىسى ھەممە كونتېينېرغا مەشغۇلات نومۇرى قويۇپ، نەق مەيدان ئەھۋالىغا ئاساسەن، شوپۇرغا مالنى قويۇش ئورنى، قاچىلىنىدىغان پاراخوت قېتىمى قاتارلىق بۇيرۇقلارنى بېرىدۇ. كونتېينېردا توشۇشنىڭ سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى تۆمۈريولدا توشۇشقا قارىغاندا، قاچىلاش - چۈشۈرۈش سۈرئىتى20 −30 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ ئوخشاش سىغىملىق كېمىلەردە كونتېينېرلارنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى10 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
زامانىۋىلاشقان كونتېينېر | UyghurWiki | UyghurWiki