سۈنئىي ھەمراھ قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمكى يۇنان ئالىمى ئارخىمېد ئاياللارنى دېڭىز ياقىسىغا قاتار تۇرغۇزۇپ، قۇياش نۇرىنى ئەينەك بىلەن قايتۇرۇپ دۈشمەن كېمىسىگە چۈشۈرۈشكە بۇيرۇغان، نەتىجىدە دۈشمەن كېمىسىنىڭ يەلكەنلىرىگە ئوت كېتىپ، تاجاۋۇزچى رىم كېمە ئەترىتى چېكىنگەن.
قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن كەڭ كۆلەمدە توك ئېلىش ئۇسۇلى ئارخىمېدنىڭ «يورۇقلۇق يىغقۇچى ئەينەك» لىرىگە ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ. مۇنار ئۈستىدىكى پار قازانغا نۇرغۇن تەكشى ئەينەكلەردىن قۇياش نۇرى قايتۇرۇپ چۈشۈرۈلسە، پار قازاندا ھاسىل بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى بېسىملىق پار تۇربىنىنى قوزغاپ، گېنېراتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ توك تارقىتىدۇ. بۇ يورۇقلۇقنى بىۋاسىتە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان توك تارقىتىش قۇرۇلمىسى.
مۇنداق يەر ئۈستى قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئىگىلىگەن ئورنى بەك چوڭ، بولۇپمۇ كېچىسى ۋە ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى توك ھاسىل قىلالمايدۇ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىمۇ ئوخشىمىغان ۋاقىتلار ئۇنىڭ توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا قۇرسا، ئۇ يەردە كۈن نۇرى كۈچلۈك ۋە مۇقىم، قۇياشنى توسۇۋالىدىغان بۇلۇت يوق، كېچە - كۈندۈز توك ئالغىلى بولىدۇ. مۇنداق ئېلېكتر ئىستانسىسى سۈنئىي ھەمراھ قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۈنئىي ھەمراھ قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسى يەردىن35860 كىلومېتىر ئېگىز بوشلۇقتىكى ئوربىتىغا قۇرۇلىدۇ،24 سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ، يەر شارى بىلەن باشتىن - ئاياغ «قەدەمداش» بولۇپ، يەر شارىنىڭ مەلۇم نۇقتىسىدىكى بوشلۇقتا نىسپىي تۇراقلىق «ئېسىلىپ» تۇرىدۇ. دەرۋەقە، مۇنداق ئېلېكتر ئىستانسىسى ناھايىتى چوڭ بولۇشى، غايەت چوڭ ئىككى قۇياش باتارېيىسى تاختىسى ئورنىتىلىشى، ئۈستىگە لىقمۇلىق قۇياش باتارېيىلىرى جايلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. مۇنداق ئېلېكتر ئىستانسىسى ئەمەلىيەتتە10 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان زور تىپلىق قەدەمداش سۈنئىي ھەمراھتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئەمىسە، بوشلۇق ئېلېكتر ئىستانسىسى ھاسىل قىلغان توك يەر شارىغا قانداق يەتكۈزۈلىدۇ؟ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئېنېرگىيە «توشۇغۇچى» − مىكرو دولقۇن بار، ئۇ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان رادىئو دولقۇنى بولۇپ، تۇمان - بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ.
قۇياش باتارېيىسى كۈن نۇرىنى ئېلېكترگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى مىكرو دولقۇن گېنېراتورى ئارقىلىق مىكرو دولقۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندن چوڭ يۈزلۈك تارقىتىش ئانتېنناسى ئارقىلىق يەر شارىغا توغرىلاپ تارقىتىدۇ، يەر ئۈستىگە بىر قوبۇل قىلغۇچى ئانتېننا ئورنىتىلسا، بۇ مىكرو دولقۇننى قوبۇل قىلغىلى، ئۇنى توك توغرىلىغۇچى ئارقىلىق تۇراقلىق توكقا ياكى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بوشلۇق قۇياش ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ خىزمىتى ئىشەنچلىك، ئۆمرى ئۇزۇن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، مەڭگۈلۈك ئېلېكتر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ.