مېتاللارمۇ چارچايدۇ
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
مېتاللارمۇ «چارچايدۇ»! ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ: سىمنى قول بىلەن ئۈزەي دېسىڭىز ئۈزەلمەيسىز، ئالدى - كەينىگە تەكرار ئەگسىڭىز ئاخىر ئۈزۈلىدۇ، تاشقى كۈچنىڭ تەكرار رول ئوينىشى بىلەن يۈز بېرىدىغان مۇنداق بۇزغۇنچىلىق ھادىسىسى پەندە چارچاش دېيىلىدۇ.
مېتاللار نېمىشقا چارچايدۇ؟ سەۋەبى: مېتال ماتېرىياللارنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ئىچكى قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئانچە مۇكەممەل بولمايدۇ، تاۋلاش، پروكاتلاش ياكى مېخانىكىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا كۆپۈكچە، تۆشۈك، ئارىلاشما ماددىلار ۋە ئىزلار قالىدۇ. بۇ ئۇششاق نۇقسانلار تاشقى كۈچ تەسىرىدە يېرىققا ئايلىنىدۇ ۋە ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ، ھەتتا سىرتقى كۈچ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۈزۈلىدۇ.
مېتاللارنىڭ چارچىشى خىلمۇخىل بولىدۇ، مېتاللار كىسلاتا ۋە ئىشقارنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغاندا، بەزى ئورۇنلىرىنىڭ كۈچىنىشى باشقا ئورۇنلاردىن كۆپ بولغانلىقتىن، يېرىقنىڭ شەكىللىنىشى تېز بولىدۇ، بۇ «چىرىشتىن چارچاش» دېيىلىدۇ؛ بولتا، پەرچىن مىخلار بىلەن دېتاللارنى ئۇلىغاندا، سۈركىلىشتىن زەخىملىنىدۇ، بۇ «سۈركىلىشتىن چارچاش» دېيىلىدۇ؛ بەزى دېتاللار يۇقىرى ھارارەت ئاستىدا كۈچ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئوڭاي «ئىسسىقتىن چارچاش» كېلىپ چىقىدۇ؛ شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان بەزى دېتاللار، مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بۆلەكلىرىدە ئوڭايلا «شاۋقۇندىن چارچاش» ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.
كىشىلەرنىڭ چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر ئۇسۇلى بار. جىددىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرى تەييارلىق ھەرىكىتى قىلىدۇ؛ كۆپرەك كىتاب كۆرۈۋەتسە كۆز گىمناستىكىسى قىلىدۇ. مېتاللارنىڭ چارچىشىغا تاقابىل تۇرىدىغان شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇل «ئىممونو تېراپىيە» (ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا مېتال شارىك ياكى ئەينەك شارىك قىسىلغان ھاۋانىڭ ياردىمىدە مېتال بۇيۇمىنىڭ سىرتقى يۈزىگە پۈۋلىنىپ، سىرتقى يۈز بېسىمغا ئۇچرىشىنىڭ تەييارلىقى قىلىنىدۇ، بۇ مېتالنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى «مۆكتۈرمە قوشۇن»غا ئوخشاش، چارچاشتىن بولىدىغان بىر قىسىم زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يەنە بىر ئۇسۇل بار، ئۇنىڭدا ماشىنا دېتاللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەشتە، ئامال بار تۇتاش بولمىغان ئورۇنلار ئازايتىلىپ، كۈچ تەسىرىگە تەكشى ئۇچرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، كۈچنىڭ مەركەزلىك تەسىر قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئورۇنلاردا يايسىمان ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇمۇ لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ مېتاللارنىڭ چارچىشىنى داۋالايدىغان بىر «رېتسېپى»دۇر.