UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىچىقارغان ئاۋازغا قاراپ تەكشۈرۈش

چىقارغان ئاۋازغا قاراپ تەكشۈرۈش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى مېتاللارمۇ ئادەمگە ئوخشاش، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە چىدىمىسا ئاۋاز چىقىرىدۇ.1969 - يىلى12 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى بۇلۇت قاتلاملىرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقاندا، توساتتىن، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئوڭ يېقىدىن «پارس» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ - دە، ئارقىدىن گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ھادىسە ماشىنىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان. ھادىسە سادىر بولۇشتىن ئىلگىرىكى «پارس» قىلغان ئاۋاز خۇددى ئادەملەرنىڭ: «قۇتقۇزۇڭلار، مەن بولالمىدىم» دەپ ۋارقىرىغىنىغا ئوخشايدۇ. قاتتىق جىسىملارنىڭ ئىچىدىن كېلىدىغان مۇنداق ئاۋاز قەدىمدىنلا بار. مىلادىيىدىن27 يىل بۇرۇن مىسىردىكى بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قاپ بېلىدىن سۇنۇپ كەتكەن گرانت ھەيكەل ھەر كۈنى سەھەردە «ھىم» دەپ ئىڭراپ تۇرغان. كېيىن رېمونت قىلىنىپ دەزلىرى ئېتىلگەندىن كېيىن زادىلا ئىڭرىمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە تاشنىڭ ئىچكى قىسمى يېرىلسا، ئورۇننىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىشى نەتىجىسىدە، دەز بارا - بارا كېڭىيىدۇ، تاشنىڭ ئىچىدىكى بەزى ماددىلار، مەسىلەن، كۋارتىس، چىرىمتال (سىليۇدا) قاتارلىقلارنىڭ تارتىش كۈچى چوڭراق بولۇپ، دەزنىڭ كېڭىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا، دەز كېڭەيگەندە بۇ ماددىلارنىڭ زەررىچىلىرى تەۋرىنىدۇ ۋە ئاۋاز چىقىرىدۇ. قۇرغاق كۈنلەردە كۆڭۈل قويۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقىنىڭىزدا، ياغاچ، بامبۇك ئۆي سايمانلىرىنىڭ قاراسلىغان ئاۋازىنى توساتتىن ئاڭلاپ قېلىشىڭىزنىڭ داۋلىسىمۇ شۇ. بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ئالىملار ماشىنىلارنىڭ نۇقسانىنى تەكشۈرىدىغان يېڭى تېخنىكا ئىختىرا قىلدى، ئۇ چىقارغان ئاۋازغا قاراپ تەكشۈرۈش دېيىلىدۇ. مېتال ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە نۇقسان بولسا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتتا يوشۇرۇن ئاپەت قالغان بولىدۇ، كېيىن ھادىسە تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. ھادىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماشىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇ كۆرۈنمەس يوشۇرۇن ئاپەتنى تەكشۈرۈپ تېپىش كېرەك. بۇ يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلانغاندا ھەم قىلچە نۇقسان قالمايدۇ، ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىشەنچلىك بولىدۇ. چىقارغان ئاۋازغا قاراپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى دوختۇرنىڭ كېسەللىككە دىئاگنوز قويغىنىغا ئوخشايدۇ، فونېندوسكوپ (تىڭشىغۇچ)قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاۋاز تەكشۈرگۈچ تەكشۈرۈلىدىغان بۇيۇمنىڭ سىرتقى يۈزىگە قويۇلۇپ، بۇيۇمنىڭ بىر يېقىدىن يېنىككىنە بېسىم بېرىلىدۇ، بېسىمنى توساتتىن ئېلىۋەتكەندە، نۇقسان ئورۇندا «ۋارقىرىغان» ئاۋاز دولقۇنى پەيدا بولىدۇ. ئاۋاز تەكشۈرگۈچ بۇ ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنى كۈچەيتكۈچتە كۈچەيتىپ، ئاندىن چۈشىنىشىلىك شەكىلگە «تەرجىمە» قىلىپ، كىشىلەرگە كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن نۇقساننىڭ ئېنىق ئورنىنى تاپىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
چىقارغان ئاۋازغا قاراپ تەكشۈرۈش | UyghurWiki | UyghurWiki