ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ھالەتتىكى تۇرمۇش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقى ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، يەر شارىدىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان غەلىتە ئىش يۈز بېرىدۇ. چىراغ ئېسىلغان يىپ ئەمدى تۈز تۇرمايدۇ؛ قولىمىزدىكى قەلەمنى قويۇۋەتسەك يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ؛ يول ماڭغاندا سەللا بىخۇدلۇق قىلساق، گەۋدىمىز لەيلەپ قالىدۇ؛ تاماق يېگەندە جەزمەن ئاغزىمىزنى يۇمۇپ چاينىشىمىز كېرەك، ئەگەر مېۋە پارچىلىرى كېمە بۆلمىسىدە لەيلەپ يۈرسە ئادەمنىڭ كۆزى، بۇرنى، قۇلىقىغا كىرىۋالىدۇ. ئەگەر سىز يەر شارىدا ئادەتلەنگەن قىياپەت بويىچە خەت يازسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى قەلەمنىڭ ئۇچى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بىرەر پەش قويماقچى بولۇپ، كۈچنى زىيادە سەرپ قىلىۋەتسىڭىزمۇ، يۆنىلىشىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم بوشلۇقىدا بارلىق جىسىملارنىڭ ئېغىرلىقىنى يوقاتقانلىقىدىندۇر.
ئېغىرلىقنى يوقىتىش ئادەمنىڭ يەر شارىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ ئەزالىرىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. سوزۇنچاق يۈز يۇمىلاق يۈزگە، يوغان كۆز كىچىك كۆزگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. مۇسكۇللارمۇ بوشايدۇ، بولۇپمۇ يوتا مۇسكۇللىرى يول مېڭىپ چېنىقىشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەتتا ئاستا - ئاستا يگىلەپ كېتىدۇ، ئېغىرلىق يوقالغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇرتقا ئادەم بەدىنىنى ئۆرە قىلىپ تۇرۇش بېسىمىغا ئۇچرىمايدۇ، ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىلىقى چوڭىيىدۇ، شۇڭا بەدەن2 −5 سانتىمېتىر ئېگىزلەيدۇ، ئېغىرلىقنى يوقىتىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى، نەپەسلىنىش قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىقىنى يوقاتقان تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، بوشلۇققا چىقىشتىن ئىلگىرى ئېغىرلىقنى يوقىتىش مەشقى قىلىدۇ. لىفت تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن ئانت ئىچىدە، ئادەم ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ھالەتتە بولىدۇ؛ ئېگىزدىن تۆۋەنگە سەكرەش، بوشلۇقتىن چۈشۈش جەريانىدىمۇ ئېغىرلىقنى يوقىتىش ھالىتىدە بولىدۇ. بۇنىڭدا ئېغىرلىقنى يوقىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بولىدۇ، خالاس. ئېغىرلىقنى يوقىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا نەچچە100 مېتىر كېلىدىغان چۈشۈش پەرقى تەجرىبە قۇرۇلمىسى ياسالدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەجرىبە بۆلۈمى ئىچىدە نەچچە100 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئەركىن چۈشۈپ،10 سېكۇنت ئۆپچۆرىسىدىكى ئېغىرلىق يوقىتىش ھالىتىگە كىرەلەيدۇ.
ئېغىرلىقنى يوقىتىش مەشقى قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا كىرىشتە »پىنگۋىن كىيىم« نى كىيىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئالەم بوشلۇقى ساقلىقنى ساقلاش كىيىمى ئېلاستىكلىققا ئىگە توقۇلما بۇيۇملاردىن تىكىلگەن بولۇپ، تارىيىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بۇ خىل كىيىم، مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بەدەننى قىسىپ تۇرىدىغان كىيىمىگە ئوخشاش، بەدەننى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى پىنگۋىنلارغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن «پىنگۋىن كىيىم» دەپ ئاتىلىدۇ، پىنگۋىن كىيىمنى كىيىۋالغاندا، مۇسكۇل ئۇنىڭ تارىيىش كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، ئادەمنىڭ سېزىمىمۇ يەر يۈزىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ، مۇسكۇل ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىقنى يوقاتقان شارائىتتا ياشىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش ۋاقىتلىق بولىدۇ، سالامەتلىككە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەت ئالىملارنى شۇنىڭغا ئىشەندۈردىكى، بەلگىلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللانسىلا، كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشى تامامەن مۇمكىن.