تۆمۈرنىڭ سىرتقى يۈزىنى قوغداش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
پولات - تۆمۈرلەرنىڭ داتلىشىپ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىرتقى يۈزىنى قوغداش كېرەك.20
- ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيىدىكى شوتلاندىيە تاغ ئېتىكىدىن بىر ساندۇق تۆمۈر مىخ قېزىۋېلىنغان، ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ مىلادىيە1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىمپېرىيە قوشۇنىدىن قالغان نەرسە ئىكەن، بۇ تۆمۈر مىخلار يەر ئاستىدا1800 يىلدىن ئارتۇق ئۇخلاپ يېتىپمۇ زادى داتلاشمىغان. ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق، بۇ تۆمۈر مىخلارنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت فوسفاتلاشقان «كىيىم» كىيدۈرۈلگەنلىكتىن داتلاشمىغانىكەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇ تېخنىكا ئانچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس، تۆمۈر بۇيۇمىنى تۆمۈر فوسفات سۇيۇقلۇقىغا چىلىسىلا، بۇيۇمنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت فوسفات تۇزى پەردىسى ھاسىل بولۇپ، داتلىشىشتىن ساقلايدۇ. سانائەتتە بۇ «فوسفاتلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش» دېيىلىدۇ.
بىز بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى سۇغا چىلاپ، ئاندىن ئوتقا قاقلىساق، بىرئازدىن كېيىن پىچاقنىڭ سىرتقى يۈزىدە قارامتۇل «كىيىم» پەيدا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يۇقىرى ھارارەتتە تۆمۈر بىلەن سۇ بىرىكىپ، تۆمۈر تىتروكسىد ھاسىل بولىدۇ، تۆمۈر تىتروكسىد تۆمۈر كۆك بولۇپ، ئادەتتىكى داتقا ئوخشىمايدۇ، تۆمۈر دېتى تۆمۈر ترىئوكسىد بولۇپ، تولىمۇ بوش ۋە قوڭۇر بولىدۇ. تۆمۈر تىتروكسىد بولسا خېلى زىچ بولۇپ، تۆمۈر بۇيۇمنىڭ سىرتىغا سىرغا ئوخشاش چىڭ يېپىشىپ، تۆمۈرنى داتلىشىشتىن ساقلايدۇ.
كىشىلەر مىلتىق، زەمبىرەك قاتارلىق تۆمۈر بۇيۇملارغا ئاتايىتەن مۇشۇنداق قارامتۇل كىيىم كىيدۈرۈپ قويىدۇ، بىراق، ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئاۋۋال تۆمۈر بۇيۇملارنىڭ «ئۇچىسى» دىكى سىر ۋە داتلارنى قىرىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ناترىي ھىدروكسىد ۋە ناترىي نىترىت ئېرىتمىسىگە چىلاپ، بۇيۇمنىڭ سىرتىغا داتتىن ساقلىنىش قەۋىتى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ قارامتۇل كۆك تۆمۈر نىتروكسىد دۇر، كىشىلەر مۇنداق ئۇسۇلنى «كۆكەرتىش» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇ ئۇسۇل بەك كەڭ قوللىنىلىدۇ، سائەتنىڭ قارامتۇل ئىسترېلكا، پۇرژىنىسى، يېڭى سېتىۋېلىنغان قايچا، ئۆي سېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان پولات چىۋىق، پولات تاختا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «كۆكەرتىپ» بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇڭا داتلاشمايدۇ.
مېتال بۇيۇملارغا كىيىم «كىيدۈرۈش» ئۇسۇلى بەك تولا: سىرلاش، مايلاش، ئېماللاش، ھەل بېرىش قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ئۇسۇللاردۇر. ئۇلار مېتاللارنى ھەر خىل دەرىجىدە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.