UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسىيرەك يەر

سىيرەك يەر

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سىيرەك يەر كەم - كۈتىسىز مېتال، ئۇنىڭ ئېتى200 يىل بۇرۇن خاتا قويۇلۇپ قالغان.1789 - يىلى كارل ئاللېنوس ئاتلىق بىر ئوفىتسېر ستوكھولم ئەتراپىدىكى ئېرتېبىي بازىرىدا پارقىراپ تۇرىدىغان قاپقارا بىر رۇدىنى بايقايدۇ، ئۇ بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي، ئېرتېبى رۇدىسى دەپ ئات قويىدۇ.1794 - يىلىغا كەلگەندە فىنلاندىيە خىمىكى گادولىن بۇ رۇدىنى تەھلىل قىلىپ، تەركىبىدە%38 نامەلۇم ئېلېمېنت بارلىقىنى بېكىتىدۇ. ئۇ چاغلاردا كىشىلەر سۇدا ئېرىمەيدىغان قاتتىق ئوكسىدلارنىڭ ھەرقاندىقىنى «يەر» (توپا) دەپ ئاتايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېلېمېنتلار ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «سىيرەك يەر» (ئاز ئۇچرايدىغان توپا) دەپ ئات قويۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىيرەك يەر مېتاللارنىڭ ئېتى ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە. سىيرەك ئېلېمېنتلار بىر ئائىلە،17 «ئەزاسى» بار، ئۇلار: لانتان، سېرىي، پرازېئودىمىي، نېئودىمىي، پرومىتي، سامارىي، يېۋروپىي، گادولىنىي، تېربىي، دىسپوروزىي، گولمىي، ئېربىي، تۇلىي، ئىتتېربىي، لۇتېتسىي، سىكاندىي، ئىتتىرىي قاتارلىقلاردۇر. سىيرەك مېتاللارنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئەپلىك، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ئاكتىپ، نۇرغۇن ئېلېمېنتلار بىلەن بىرىكمە تۈزىدۇ. بەزىلەر سىيرەك مېتاللارنى مېتاللۇرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ۋىتامىنى» دەپ ئاتىدى، خۇددى ئازغىنە ۋىتامىن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىنىدەك، ئاليۇمىن قېتىشمىسىغا ئازغىنە سىيرەك مېتال ئارىلاشتۇرۇلسا، كۈچلۈكلۈكى%73 ئاشىدۇ. پولات پۇرژىنىغا مىڭدىن ئىككى ئەتراپىدا سىيرەك مېتال ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۆمرى بىر ھەسسە ئۇزىرايدۇ؛ سىيرەك مېتال ئارىلاشتۇرۇلغان تۆمۈر قازان پۇختا بولۇپ،℃ 600 قىزىتىپ بىراقلا سوۋۇتسىمۇ دەزلەنمەيدۇ؛ بىر گېكتار يەرگە100 −150 گرام سىيرەك مېتال چېچىلسا، دادۇر مەھسۇلاتى %50 ئاشىدۇ! سىيرەك مېتاللار «ھۈنەر - سەنئەت ماھىرى» دۇر: توققۇز ۋاتلىق سىيرەك ئۈچ ئانا رەڭ بەرغەمۇت ئۈستەل چىرىغى60 ۋاتلىق چوغلانما لامپۇچكىنىڭ يورۇقىنى بېرىدۇ ھەم توك تېجەيدۇ، ھەم چىداملىق؛ سىيرەك مېتال ئەينەك تېخىمۇ رەڭگارەڭ بولىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا نېئودىمىي ۋە پرومتىي قوشۇلغان ئەينەك قېلىنلىقى ۋە يورۇقلۇقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ، رەڭگى ھەر خىل ئۆزگىرىدۇ، سىيرەك بوياقتا بويالغان يۇڭ يىپ پارقىراق بولىدۇ، يۇڭ ئۆرلىمەيدۇ، ئۆڭمەيدۇ. سىيرەك مېتاللار ئۆتكۈر تېخنىكىلاردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ: سىيرەك مېتالدىن ئىشلەنگەن لازېر ئەسۋابىنىڭ ھەجمى كىچىك، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، لازېر نۇر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش، لازېر نۇرلۇق ئالاقە، لازېرلىق رادار قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ؛ سىيرەك مېتاللاردا ئۇراننىڭ چىرىتىشىگە چىداشلىق بېرىش ۋە نېيتروننى سۈمۈرۈۋېلىش خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن، ئاتوم رېئاكتورىنىڭ قۇرۇلما ماتېرىيال ۋە تىزگىنلەش تاياقچىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ؛ سىيرەك مېتال قېتىشمىلىرىدىن كومپيۇتېرنىڭ ئەستە ساقلاش دېتالى ۋە ئالەم ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ. سىيرەك مېتاللار كېسەل داۋالاشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئىتتېربىي ئادەمنىڭ ۋېنا تومۇرىغا كىرگۈزۈلسە، دەسلەپكى مەزگىللىك راكنىڭ ئورنىنى كۆرسىتەلەيدۇ؛ تۇلىي باتارېيە ئىشلىتىلمەيدىغان قول X نۇر ماشىنىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. سىيرەك مېتال قوشۇپ ئىشلەنگەن تېببىي دورىلار تېخىمۇ سان - ساناقسىز.1794 - يىلى سىيرەك يەر مېتالى ئىتتىرىي بايقالغاندىن بېرى،1947 - يىلى بارلىق سىيرەك يەر مېتاللىرى تېپىلغۇچە توپتوغرا150 يىل كەتتى، بىراق، سىيرەك مېتاللارنى ئىشلىتىش تەتقىقاتى ئەمدىلا باشلاندى. سىيرەك (ئاز ئۇچرايدىغان) مېتاللار ئاز ئەمەس، ئېلىمىزدە سىيرەك مېتاللار زاپىسى ھازىر دۇنيادا مەلۇم بولغان ئومۇمىي زاپاسنىڭ ئالتىدىن بەش قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر ئېلىمىز200 خىلدىن ئارتۇق سىيرەك مېتال مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى