UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيىراقتىن تىزگىنلەش تېخنىكىسى

يىراقتىن تىزگىنلەش تېخنىكىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سۈن ۋۇكۇڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئاسماننىڭ قەھرىدىن يەردىكى ئادىمىي ئالۋاستىلارنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىلار قاچىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. تېلېتېخنىكا (يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى) بەئەينى «ئۆتكۈر كۆز» گە ئوخشاش، ئاسمان - پەلەكتە تۇرۇپ يەر ئاستىدىكى ۋە دېڭىز ئاستىدىكى بايلىقلارنى بىلەلەيدۇ. كان تەكشۈرىدىغان تېلېتېخنىكىنىڭ ھازىر تۆت خىلى بار: كۆرۈنىدىغان نۇر، ئىنفرا قىزىل نۇر، مىكرو دولقۇن ۋە كۆپ دولقۇن. كۆرۈنىدىغان نۇر تېلېتېخنىكىسى يەر يۈزىنى يۇقىرى بوشلۇقتىن ئالاھىدە فوتو ئاپپارات بىلەن بىر - بىرلەپ ئۇدا سۈرەتكە تارتىدۇ. نۇرغۇن فوتو سۈرەتلەرنى قۇراشتۇرۇشتىن يەر شارىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى پۈتىدۇ. كىشىلەر تاغ - داۋان ئېشىپ ئۆلچەپ يۈرمەي، فوتو سۈرەتلەر ۋە ئازراق يەر يۈزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپلا، يەر شەكلى، گېئولوگىيە، سۇ رايى خەرىتىلىرىنى سىزىپ چىقالايدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېدىرلىقلىرىدىكى يەر بايلىقىنى كونا ئۇسۇل بىلەن بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە،10 مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولاتتى. تېلېتېخنىكا قوللىنىلسا، ئون نەچچە كىشى بىرنەچچە ئايدىلا ئىشلەپ بولىدۇ. كۆرۈنىدىغان نۇر تېلېتېخنىكىسى گەرچە قۇلاي بولسىمۇ، كېچىسى ئەسقاتمايدۇ. كىشىلەر شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ چاشقان تۇتۇشىدىن ئىلھام ئالدى: شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئاستىدا كىچىك ئويمان بار، بۇ ئويمان چاشقاننىڭ تېنىدىن چىققان ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى (ئىنفرا قىزىل نۇر) نى سېزەلەيدۇ، شۇڭا شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان تۇم قاراڭغۇدىمۇ چاشقان تۇتالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر قاراڭغۇ كېچىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېتېخنىكا ئەسۋابى كەشىپ قىلدى. بۇ ئەسۋاب بىلەن يەر ئاستىدا ئۇخلاپ ياتقان كان بايلىقلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئېلىمىز ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېتېخنىكىلىق فوتو سۈرەتتىن پايدىلىنىپ، يۈننەندىكى يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ۋە رادىئوئاكتىپلىق كان ياتمىسىنى تەكشۈردى. ئىنفرا قىزىل نۇر تېلېتېخنىكىسى قاراڭغۇ كېچىدىن قورقمايدۇ، بىراق ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كېرەككە كەلمەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇلۇت قاتلاملىرىنى تېشىپ ئۆتەلەيدىغان مىكرو دولقۇن تېلېتېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى. مىكرو دولقۇن تېلېتېخنىكىسىنىڭ تۈرى كۆپ، ياندىن كۆرىدىغان رادار شۇلارنىڭ بىرى. بۇ رادارنىڭ ئانتېننىسى ئاۋۋال رادىئو دولقۇنى تارقىتىدۇ، ئاندىن يەر يۈزىدىكى جىسىملار قايتۇرغان ھەر خىل قايتما دولقۇنلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ بۇلۇتلارنى يېرىپ، ئورمانلاردىن ئۆتۈپ، يەر پوستىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كان بايلىقلىرىنى ئېنىقلىيالايدۇ. يۇقىرىدىكى بىرنەچچە تېلېتېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىر - بىرىدىن ئاساسەن ئىشلىتىدىغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ، كۆپ دولقۇن تېلېتېخنىكىسى ئوخشىمىغان نۇرغۇن ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ بىر رايوننى يىراقتىن سېزىدۇ، خۇددى ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن كۆزلەر بىر رايوننى كۆزەتكەندەك. شۇڭا يىراقتىن سېزىش ئېنىقلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى