«يەر تەۋرىتىپ« كان تەكشۈرۈش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
يەر تەۋرەش ئىنسانلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ھالبۇكى، سۈنئىي يەر تەۋرەش ئىنسانلارنىڭ كان بايلىقلىرىنى چارلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
يەر تەۋرىتىپ چارلاشنىڭ پرىنسىپى رادارنىڭ ئايروپىلان ئورنىنى تەكشۈرۈشىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رادارنىڭ ئانتېنناسى ئەتراپقا تارقاتقان رادىئو دولقۇنى ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ئۇرۇلغاندا، بىر قىسمى قايتىدۇ، رادار بۇ قايتقان دولقۇننى قوبۇل قىلىپ، ئېكراندا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەر تەۋرەشتىن شەكىللەنگەن يەر تەۋرەش دولقۇنى يەر ئاستىدا تارقىلىدۇ، ھەر خىل پەرق قاتلاملىرىنىڭ چېگرىلىرىغا ئۇرۇلۇپ، بىر قىسمى قايتىدۇ، ئۇلارنى يەر ئۈستىدىكى سايمانلار بىلەن قوبۇل قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يەر قاتلاملىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
كان تەكشۈرۈشتە پايدىلىنىلىدىغان سۈنئىي يەر تەۋرەش بۇرۇن پارتلاتقۇچ دورا پارتلىتىپ ھاسىل قىلىناتتى، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى كۆپىنچە يۇقىرى بېسىملىق توكتىن ئېلېكتر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىش ئىگىلىدى، بۇ ھەم بىخەتەر، ھەم ھەر خىل شارائىتلاردا قوللىنىشقا ماس كېلىدۇ، دېڭىز - ئوكيانلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە، ئېلېكتر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى كېمىگە ئورنىتىلىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ياردىمىدە، كېمە بەلگىلەنگەن نۇقتىغا بېرىپ، ھەر50 مېتىر ئارىلىقتا بىر قېتىم «سىنارەد» قويۇپ بېرىدۇ، بۇنى دېڭىز تەكتىدىكى كابېل ۋە رەقەملىك سېيسموگراف (يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى) قوبۇل قىلىپ خاتىرىلىۋالىدۇ ۋە نەچچە مىڭ مېتىر ھەتتا10 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق تىرەنلىكتىكى نېفىت ۋە كان بايلىقى ماتېرىياللىرىنى تەھلىل قىلىدۇ.
قۇرۇقلۇقتا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرگەندە، ئېلېكتر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسىنى ماشىنىغا ئورناتسا بولىدۇ، ئۇ شەھەردىمۇ، دالىدىمۇ مەشغۇلات قىلىۋېرىدۇ. «يەر تەۋرىتىش» ۋاقتىدا سۇ قاچىسى ئىچىدە ئېلېكتر ئۇچقۇنى ھاسىل قىلىنىدۇ، قاچا «يەر تەۋرەش دولقۇنى»نى يەر ئاستىغا يەتكۈزىدۇ. يەر ئۈستىدىكى سايمانلار نەچچە مىڭ مېتىر تىرەنلىكتىن قايتقان دولقۇنلارنى قوبۇل قىلىدۇ. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتلاملىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. باشقا كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشكىمۇ ياردەم بېرىدۇ.