UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى

يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى يادرو ئېلېكتر «پار قازىنى» غا3 كىلوگرام يادرو يېقىلغۇ سالسا،250 توننا ئېسىل كۆمۈر يانغاندا چىقارغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى بېرىدۇ. يادرو يېقىلغۇ «يېقىلىدىغان» قازان يادرو رېئاكتورى دېيىلىدۇ. ئالىملار1938 - يىلى يادرو يېقىلغۇنى «ياندۇرۇش»قا ئىشلىتىلىدىغان «سەرەڭگە» — نېيتروننى كەشىپ قىلدى. نېيترون زەرەتسىز بولىدۇ، يادرو زەرىتىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمايدۇ، يادرونىڭ ئىچىگە ئوڭايلا كىرىپ، يادرو يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىر قېتىم يادرو يىمىرىلسە،2 −3 دانە نېيترون ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ، مۇبادا بۇ نېيترونلارنى يادرو يەنە سۈمۈرۈۋالسا، ئۇدا يادرو يىمىرىلىشى يۈز بېرىدۇ، مانا بۇ زەنجىرسىمان يادرو رېئاكسىيىسىدۇر. لېكىن، يادرو يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى نېيترونلارنىڭ تېزلىكى يۇقىرى بولغانلىقتىن، يېڭى يىمىرىلىشنى ھاسىل قىلمىقى تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تېزلىكىنى ھەمىشە سۇ، ئېغىر سۇ، گرافىت، بېرىللىي قاتارلىق مودېراتور (ئاستىلاتقۇچ) لار بىلەن ئاستىلىتىپ، ئاستا نېيترونغا ئايلاندۇرغاندا، زەنجىرسىمان رېئاكسىيە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. «يادرو پار قازىنى» دىكى يىمىرىلىش رېئاكسىيىسى ئاتوم بومبىسىدىكى رېئاكسىيىگە ئوخشايدۇ، ئەمما تېزلىكى كۆپ ئاستا بولىدۇ، رېئاكتورغا نېيترون سۈمۈرىدىغان «تىزگىنلەش تاياقچىسى» تىقىپ قويغاندىلا، يىمىرىلىش رېئاكسىيىسى ئاستىلايدۇ، تىزگىنلەش تاياقچىسىنى رېئاكتورغا تىرەنرەك تىقسا، نېيتروننى كۆپرەك سۈمۈرىدۇ، يىمىرىلىش رېئاكسىيىسى ئاستىراق بارىدۇ، يادرو يېقىلغۇ ئاستىراق «يانىدۇ». جىددىي ئەھۋالدا، تىزگىنلەش تاياقچىسى رېئاكتورغا ئاپتوماتىك ھالدا تىرەن تىقىلىدۇ، رېئاكتورمۇ خىزمەتتىن پۈتۈنلەي توختايدۇ. بەزىلەر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ رادىئوئاكتىپ ماددىلار بىلەن بۇلغىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، مۇنداق ئەنسىرەش ئارتۇقچە. ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقىنى گرافىت بولمىغان سۇ بېسىملىق رېئاكتوردۇر. مۇنداق رېئاكتوردا سۇ مودېراتور(ئاستىلاتقۇچ) قىلىنىدۇ، سۇ كۆيمەيدۇ، شۇڭا گرافىتلىق رېئاكتوردەك ئوت كېتىش يوشۇرۇن خەۋپى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يادرو يېقىلغۇنىڭ ئۆزەك پارچىسىغا ئالاھىدە »كىيىم كىيدۈرۈلىدۇ«، يەنى ئۆزەك پارچىنىڭ سىرتىغا3 —4 قەۋەت ئالاھىدە سىر سۈرتۈلىدۇ. يەنە ئۈچ قەۋەت توساق (دالدا) ئورنىتىلىدۇ. بۇلار رادىئوئاكتىپ ماددىلارنى سىرتقا ھەرگىز چىقارمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ رادىئوئاكتىپ تەسىرى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھازىر دۇنيادا30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا نەچچە يۈز يادروئېلېكتر ئىستانسىسى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە،2000 - يىلىغا يەتكەندە، يادرو توك مىقدارى دۇنيا بويىچە ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ياكى يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىز ئۆزى لايىھىلەپ قۇرغان تۇنجى چىنشەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى1991 - يىل12 - ئاينىڭ15 - كۈنى سائەت0 دىن15 مىنۇت ئۆتكەندە رەسمىي تورلاشتۇرۇپ توك تارقاتتى. توك قۇۋۋىتى15 مىگاۋاتقا يېتىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ يادرو ئېلېكتر دەۋرى باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى