«ئەستە تۇتالايدىغان« مېتال
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەتقىقات ئورنى نىكېل - تىتان قېتىشمىسىنى تەتقىق قىلغاندا، ئامباردىن نۇرغۇن ئەگرى - بۈگرى نىكېل - تىتان قېتىشما سىمىنى ئەپچىقىپ تارتىپ تۈزلەپ، ئوچاقنىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ قويغان. قىزىق ئىش، ئىشلىتىدىغان چاغدا قارىسا، تۈزلەپ قويۇلغان بۇ سىملار بۇرۇنقى ئەگرى - بۈگرى ھالىتىگە كېلىۋاتقان. بۇ ئەھۋال ئالىملارنى قىزىقتۇرغان. ئۇلار نىكېل - تىتان قېتىشمىسىدىن «نىكېل - تىتان قېتىشمىسى» دېگەن خەتنى ياساپ، ئاندىن سىملارنى تەرتىپسىز پۈكلەپ بىر كاللەك قىلىپ قويغان، كېيىن بۇ سىملارغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە «پىس - پىس - پىس» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، قايتا ناھايىتى ئېنىق «نىكېل - تىتان قېتىشمىسى» دېگەن خەت شەكلىگە كەلگەن.
مۇنداق قېتىشمىلار ئادەتتىكى مېتاللارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ جانلىقلارغا ئوخشاش خېلى كۈچلۈك «ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى» بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىنى «يادىدا ساقلىيالايدۇ». ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەتقىقات ئورنى ئۇنى نىكېل - تىتان نۇر قېتىشمىسى دەپ ئاتىغان. ھازىر ئېلىمىز «ئەستە تۇتۇش» ئىقتىدارى بار قېتىشمىدىن نەچچە ئون خىلنى ئىشلەپچىقاردى، مەسىلەن، ئالتۇن − كادمىي، تىتان − كۇبالت، تىتان − تۆمۈر، زىركوني − رۇبىدىي قېتىشمىلىرى قاتارلىقلار، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغىنى نىكېل (%15) - تىتان (%49) قېتىشمىسى. بۇ قېتىشمىلار «ئىسسىقنى ئەستە ساقلاش» ۋە «سوغۇقنى ئەستە ساقلاش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئالىملار ئۇلارغا «ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشمىلار» دەپ ئات قويدى.
جانسىز قېتىشمىلار نېمە ئۈچۈن ئەستە تۇتالايدۇ؟ ئەسلىدە «ئەستە تۇتۇش» نىڭ سىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا دائىرىسىدە بۇ قېتىشمىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئالاھىدە بىر خىل قايتما قۇرۇلما ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ، ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشما زور تاشقى كۈچكە يولۇققاندا، ئىچىدىكى مېتال ئاتوملىرىدا ئەسلىي ئورنىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، قوشنا ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ ئورۇندا ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشمىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالىتىنى كۆرىمىز. بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن قېتىشما ئىسسىققا (ئىسسىق سۇ ياكى قۇياش نۇرىغا) يولۇقسا، مېتال ئاتوملىرى يېتەرلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىدۇ - دە، ئەسلىي قۇرۇلمىنىڭ باغلىنىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، ئەسلىي شەكلىگە قايتىدۇ.
ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشمىلار ھازىرقى زامان سانائىتى ۋە ئالەم قاتناش تېخنىكىسىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشمىلاردىن ياسالغان پەرچىن مىخ ۋە چۈلۈكنى تۆشۈككە سېلىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسىلا، پۇتلىرى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ جىسىملارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ھەم بولقا كەتمەيدۇ، ھەم ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا ئالىملار ئايغا چىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئاي ئانتېنناسى كەشىپ قىلدى، ئۇنى مەلۇم دەرىجىگىچە سوۋۇتۇپ، ئاندىن پۈكلەپ كىچىك توپتەك قىلىپ كاللەكلەپ ئالەم كېمىسىگە سېلىپ قويسا، ئايغا چىققاندىن كېيىن قۇياشنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئەسلىدىكى كۈنلۈك شەكىللىك ھالىتىگە كېلىدۇ.
ھازىر ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشمىلاردىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېرەكتىن چىقسىمۇ، قىزدۇرۇلسا ياكى ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويسىلا تېزلا ئەسلىي ھالىتىگە كېلىدۇ. ئەستە تۇتالايدىغان قېتىشما سىم ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغان گىلەمنى ئىشلەتكۈچى ئىسسىپ كەتسە، ئۇ تۈرۈلۈپ ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گىلەمنىڭ بىر بۇرجىكى كۆتۈرۈلۈپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.