سۇ پىچاق
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
سۇغا نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمى بېرىپ، ئاندىن ئۇنى دىئامېتىرى ئوندىن نەچچە مىللىمېتىر ياكى2 —3 مىللىمېتىر پۈركىگۈچتىن چىقارسا، ناھايىتى يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا نەچچە مىڭ مېتىر بولۇپ، مېتاللارنى كېسىش ئەسۋابلىرىنىڭ ئورنىدا كەسكىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «سۇ پىچاق» دەپ ئاتىشىدۇ.
سۇ پىچاق ئەمەلىيەتتە يۇقىرى بېسىم ھاسىل قىلغۇچ بولۇپ، پرىنسىپى ناسوسقا ئاز - تولا ئوخشاپ قالىدۇ. ناسوسنىڭ چوڭ پورشېنى بېسىملىق ماينىڭ تەسىرىدە ھەرىكەتلىنىدۇ، كىچىك ئۇچتىكى پۈركىگۈچتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، پورشېننىڭ يۈزى پۈركىگۈچنىڭ5 .11 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، كىرگەن ماينىڭ بېسىمى350 ئاتموسفېرا بېسىمىغا يەتكەندە، چىققان سۇنىڭ بېسىمى4000 ئاتموسفېراغا يېتىدۇ. پەقەت بېسىملىق ماي چوڭ پورشېننى ئالدى - كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرسىلا، ئىككى ئۇچتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىرىۋېرىدۇ. ھازىر ياسالغان سۇ پىچاقلار2000 ئاتموسفېرا بېسىمىدىن ئاشىدىغان يۇقىرى بېسىملىق سۇ ھاسىل قىلىپ،12 مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختاينى كېسەلەيدۇ.
سۇ پىچاق بىلەن ماتېرىيال كېسىش چاكى ئىنتايىن تار بولۇپ، ئاران2 .0 مىللىمېتىر كېلىدۇ؛ سۇ پىچاق بىلەن كېسىلگەن ماتېرىيالنىڭ گىرۋەكلىرى سىلىق، تەكشى بولغاننىڭ ئۈستىگە، تېز كەسكىلى بولىدۇ. كېسىش ۋاقتىدا توزان ئاز چىقىدۇ، شاۋقۇنى بولىدۇ، ئاپتوماتلاشتۇرۇشمۇ ئوڭاي، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر، زىيان يوق ھېسابىدا بولىدۇ. سۇ پىچاق يەنە ماتېرىياللارنى تازىلاشقا، كىر ۋە داتلارنى چىقىرىشقا ئىشلىتىلسە، ئىش ئۈنۈمى نەچچە ھەسسىدىن نەچچە ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ياخشى بولىدۇ، يۈزى بۈدۈر - چوقۇر ماتېرىياللار، ئەگمەچ ياكى ئىنچىكە تۇرۇبىلارنى تازىلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.
ئېلىمىز ياسىغان سۇ پىچاقلار50 مىللىمېتىر پولاتنى كېسەلەيدۇ، بىر قېتىمدا84 مىللىمېتىر رېزىنكىنى ياكى14 قات چىبەرقۇتنى ئوڭۇشلۇق كېسەلەيدۇ. سۇ پىچاق كان قېزىش ۋە تونېل تېشىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مۇز يېرىش ۋە چوڭقۇر تۆشۈك تېشىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.