قالدۇق بېسىمدىن توك ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تۆمۈر تاۋلىغاندا، دومنىمەشكە كوكس، تۆمۈر رۇدىسى سېلىنغاندىن كېيىن، شامالچى بىلەن ئىسسىق شامال كىرگۈزۈلىدۇ، ئىسسىق شامال تەركىبىدىكى ئوكسىگېن كوكس تەركىبىدىكى كاربون بىلەن ئۇچراشقان ھامان كۆيۈپ، نۇرغۇن كۆمۈر گازى ھاسىل بولىدۇ، كۆمۈر گازىنىڭ كۆپ قىسمى تۆمۈر رۇدىسى بىلەن خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىپ، تۆمۈر ئايرىلىپ چىقىدۇ. قالغان كۆمۈر گازى، خۇددى بېسىملىق قازاندا تاماق ئەتكەندەك، بېسىم تۆۋەنلىتىش كلاپانىدىن چىقىپ بىكاردىن - بىكار زايە بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق قالدۇق بېسىمدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش پار قازان ئۈستىدىكى بېسىمدىن توك ھاسىل قىلىش دېيىلىدۇ.1969
- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىرىنچى بولۇپ قالدۇق بېسىمدىن توك ئېلىش تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەققىيەت قازاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ياپونىيە. ياپونىيىنىڭ كاۋاساكى پولات شىركىتى21 دومنىمەش ئۈستىگە مۇشۇنداق گېنېراتورلارنى ئورنىتىپ، ئېيىغا120 مىليون كىلوۋات/سائەت توك ھاسىل قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بىرەر پولات زاۋۇتىنىڭ ھەممە دومنىمەشلىرىگە ئۈستىگە گېنېراتور ئورنىتىلسا، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ %5 توكىنى ئۈستىگە ئالالايدىكەن.
دومنىمەش ئۈستىگە ئورنىتىلغان گېنېراتور پېچتىكى كۆمۈر گازىدىن يىغىلغان بېسىم بىلەن ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭغا كۆمۈر گازى كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇربىنىدا توك ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن چىققان كۆمۈر گازىدىكى سۇ تەركىبى ۋە چاڭ - توزان تۆۋەن بولۇپ، گاز سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.