UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيۇقىرى سۈرئەتتە دولقۇنلۇق كەپشەرلەش

يۇقىرى سۈرئەتتە دولقۇنلۇق كەپشەرلەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بىر تېلېۋىزورنىڭ نەچچە يۈز ئېلېكترونلۇق دېتالى،600 گە يېقىن كەپشەر نۇقتىسى بولىدۇ، ئۇلار باسما توك يولى تاختىسىغا رەتلىك ۋە پۇختا كەپشەرلىنىدۇ. ناۋادا بىرەر نۇقتا خاتا كەپشەرلەنسە، كەپشەرلەنمەي قالسا ياكى ياخشى كەپشەرلەنمىسە، تېلېۋىزىرو ئىشلىمەيدۇ. شۇنچە كۆپ نۇقتا قول بىلەن كەپشەرلەنسە ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ ھەم ئوڭايلا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ، ھازىرقى كۈندە بىر تېلېۋىزورنىڭ توك يولىنى45 سېكۇنتتىلا كەپشەرلىگىلى بولىدۇ، چۈنكى دولقۇنلۇق كەپشەرلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. دولقۇنلۇق كەپشەرلەشتە باسما توك يولى تاختىسىدىكى دېتاللار كەپشەر سۇيۇقلۇقىدا ھاسىل قىلىنغان «دولقۇن» دىن پايدىلىنىپ كەپشەرلىنىدۇ. مۇنداق كەپشەرلەش چوڭ ئەينەكلىك كىچىك ئۆي شەكىللىك ماشىنىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەپشەرلەش ماشىنىسىدا چوڭ قەلەي قازاندا لىقمۇلىق قىزىق قەلەي سۇيۇقلۇقى بولىدۇ، چاقپەلەكنىڭ ئۇرغۇتۇشى بىلەن ئاپئاق دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ. دېتاللار لىق سانجىلغان باسما توك يولى ئوربىتا بويلاپ بۇ قەلەي «دولقۇنى» نىڭ چوققىسىغا، خۇددى يىڭناغۇچ سۇ ئىچكەندەك، يەڭگىل تېگىپ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، قەلەي دولقۇننىڭ چوققىسى باسما تاختىنى يېنىككىنە «يالاپ» قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن600 نەچچە نۇقتىنىڭ ھەممىسى كەپشەرلىنىپ بولىدۇ. دولقۇنلۇق كەپشەرلەشتە چوڭ باسما توك يولى تاختىسى بىر قېتىمدىلا كەپشەرلىنىپ بولىدۇ، تېزلىكى قول بىلەن كەپشەرلىگەندىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەپشەر دولقۇنىنىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن چىڭ كەپشەرلىنىدۇ، كەپشەرلەنمەيدىغان بىرمۇ نۇقتا قالمايدۇ. دولقۇنلۇق كەپشەرلەشنى ئېھتىياجغا قاراپ ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدۇ. دولقۇنلۇق كەپشەرلەش ماشىنىسىنىڭ ئەينەك سىرتقى قېپى بولىدۇ، كەپشەرلەشتىن چىققان ئىس سىرتقا چىقىپ مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
يۇقىرى سۈرئەتتە دولقۇنلۇق كەپشەرلەش | UyghurWiki | UyghurWiki