رولى ئوخشاشمايدىغان گەزلىمىلەر
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدىكى گەزلىمىلەرنىڭ سوغۇقتىن ساقلاش، ئىسسىق تۇتۇشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن رولى بولىدۇ.
ئوق ئۆتمەس گەزلىمە.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوقنى توسۇۋالالايدىغان ئوق ئۆتمەس كىيىم كەشىپ قىلىندى، بىراق ئۇ پولات تاختاي، پولات سىمدىن ئىشلەنگەچكە، ئېغىر ھەم كېلەڭسىز بولغاچقا، بەدەننى تولۇق مۇھاپىزەت قىلالمايتتى. كېيىن، كېفرا تالاسى كەشىپ قىلىندى، بۇ خىل تالانىڭ ئېغىرلىقى پولاتنىڭ بەشتىن بىرىگىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ، ئەمما، چىداملىقلىقى پولاتنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. كېفرا تالاسىدىن ئىشلەنگەن ئوق ئۆتمەس كىيىمىنىڭ ئېغىرلىقى75 گراملا بولۇپ، ئۇنى كىيىۋالغاندا، يېنىك پىلىموت ئوقىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن كىيىم داۋالاشقا ئىشلىتىلسە، جاراھەتنى ئاسرايدۇ ياكى زەخىملەنگەن سۆڭەكلەر تېزرەك تۇتىدۇ.
باكتېرىيىگە قارشى گەزلىمە. بۇ خىل گەزلىمىنىڭ يۈزىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئانتىبىئوتىك بولۇپ، ئۇ ئاستا - ئاستا چىقىپ، تۈرلۈك باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغنىڭ كۆپىيىشىدىن پەيدا بولىدىغان سېسىق ھىدنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما ئادەم بەدىنىگە ئەكس تەسىرى يوق.
تەر سۈمۈرىدىغان گەزلىمە. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىشىگە باب كېلىدىغان بۇ خىل رەختنىڭ ئىچىگە سۇ سۈمۈرىدىغان تالا توقۇلمىسى، تاشقى قەۋىتىگە سۇ سۈمۈرمەيدىغان تالا توقۇلمىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل تەنھەرىكەت كىيىمىنىڭ ئىچىدىكى سۇغا مايىل توقۇلمىلار تەرنى تېز سۈمۈرۈپ، تاشقى قەۋەتتىكى سۇنى تاراتقۇچى توقۇلمىلارغا يۆتكەپ ھورلاندۇرىدۇ، شۇنداق بولغاندا تەنھەرىكەتچىنىڭ تېرىسى قۇرغاق، ئازادە تۇرىدۇ، ئۇلاردا تەرلەش، كىيىم چاپلىشىپ قېلىش دېگەندەك بىئاراملىق تۇيغۇسى بولمايدۇ.
سېسىق ھىدنى يوقىتىدىغان گەزلىمە. ھەرقانداق تالالىق توقۇلمىغا سېسىق ھىدنى يوقىتىش يېڭى دورىسى − سۈنئىي ئېنزىمنى قوشقاندىلا سېسىق پۇراق يوقىتىدىغان گەزلىمىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. سېسىق ھىدنى يوقىتىدىغان رەخت ئادەم بەدىنىدىن چىققان سېسىق ھىد ۋە پوق - سۈيدۈكتىن چىققان سېسىق ھىدلارنى يوقىتىپلا قالماي، لاي - پاتقاق قاتارلىق تەبىئىي قاڭسىق پۇراقلارنىمۇ يوقىتالايدۇ.
سۇپېر تالالىق گەزلىمە. سۇپېر تالا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تالا بولۇپ، يۇقىرى ئېلاستىكىلىققا ھەم چارچاشقا، چىرىشكە، نەملىككە، ئىسسىققا چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. سۇپېر تالالىق گەزلىمىلەرنى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، ئالەم كىيىمى قاتارلىقلارنى تىكىشتە ۋە بېتوننىڭ چىڭلىقىنى ئاشۇرىدىغان ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى پاختىسى. بۇ، مېتال پاختا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ − يېڭى تىپتىكى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ھەم نېپىز، ئىسسىقلىقنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ساقلايدىغان ئىچ كىيىم ماتېرىيالى. ئۇنىڭ ئىككى يۈزى ئىككى خىل ماتېرىيال بولۇپ، تاشقى يۈزىگە غەيرى توقۇلمىلىق ئالاھىدە بىرىكمە خىمىيىۋى تالا ماتېرىيالى ئىشلىتىلىدۇ، ئىچكى يۈزى سانسىزلىغان مىكرو تۆشۈكچىلەر بار نېپىز مېتال قەۋەتتۇر، ئالەم بوشلۇقى پاختىسىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلىشى، ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈشى، چىداملىقلىقى قاتارلىقلار تىۋىت، تۆگە يۇڭى، سەرناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىسسىق ساقلاش ماتېرىياللىرىنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ.
راكقا قارشى گەزلىمە. قۇياش رادىئاتسىيىسى كىشىلەرنىڭ تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى، ئاۋسترالىيە پەن تەتقىقات خادىملىرى تېرە راكىغا قارشى گەزلىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇنىڭدا گەزلىمىنى ئالاھىدە خىمىيىۋى ماددا بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، كىيىم تەييارلانسا، قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىئاتسىيىسىنى توسۇش ئۈنۈمى ئادەتتىكى رەختلەرنىڭكىدىن4 −8 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يازدا كىيىلىدىغان يېنىك كىيىملەر، مەسىلەن، پاختىدىن ئىشلەنگەن T شەكىللىك كىيىمنى كىيگەندە،5 .2 سائەت ئۆپچۆرىسىدىلا قۇياش رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىنالايدۇ، بۇ خىل خىمىيىۋى ماددا بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان يېڭى كىيىمنى كىيگەندە، تېرە قۇياش نۇرىنىڭ زىيىنىدىن5 .12 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە قوغدىنىدۇ.
روھلاندۇرغۇچى گەزلىمە. ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى خۇش پۇراق داۋالاش ماددىسىنى «مىكرو تىپتا پرېسلاش» ئارقىلىق كاپسۇلا ئىچىگە ھىملاپ، بۇ ئۇششاق كاپسۇلىلارنى توقۇلمىغا يېپىشتۇرغان، كاپسۇلا يېرىلىشى بىلەنلا خۇش پۇراق تارقىلىپ، بۇ خىل كىيىمنى كىيگەن كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ.
نەملىك ۋە ئىسسىقلىقنى تەڭشەيدىغان گەزلىمە. بۇ نەملىك تارقىتىشنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە پولىمېر سۈرتۈلگەن رەخت بولۇپ، پولىمېر سۈرتۈلگەن قەۋەتنىڭ قېلىنلىقى01 .0 مىللىمېتىر كېلىدۇ، تېمپېراتۇرا كۆتۈرۈلگەندە، پولىمېرمولېكۇلىلىرى ئارىلىقىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى «تۈك تۆشۈكچىلىرى» نىڭ ئېچىلغىنىغا ئوخشاش چوڭىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەر ھورلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ؛ توڭلىغاندا «تۈك تۆشۈكچىلىرى» ئېتىلىپ، ئادەم تېرىسىگە ئوخشاش ئىسسىقلىق ساقلايدۇ. بۇ خىل رەخت سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، يۇمشاق بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئوبدان بولغاچقا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىشىگە باب كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە يامغۇردىن ساقلاش رولى بار.