UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئالەم بوشلۇقى شەھىرى

ئالەم بوشلۇقى شەھىرى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كىشىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن «ئەرش ئوردىسى» يېقىن كەلگۈسىدە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ ئالەم بوشلۇقى شەھىرى. كەلگۈسىدىكى ئالەم بوشلۇقى شەھىرى چەمبەر شەكىللىك بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، غايەت زور چاققا ئوخشايدۇ، چەمبەرنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن1600 مېتىر، «چاق» نىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولىدۇ، ئىچكى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى150 مېتىر بولۇپ، بۇ جاي ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىكى تۇرمۇش رايونى بولىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى160 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،10 مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلىشالايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىكى تۇرمۇشى يەر شارىدىكىگە ئوخشايدۇ. كىشىلەر ئۇ جايدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاش ئالەم پونكىتىدا ئۇياقتىن - بۇياققا لەيلەپ يۈرمەيدۇ، بەلكى «يەر» نى چىڭ دەسسەپ يۈرەلەيدۇ. چۈنكى، چەمبەر ھەر مىنۇتتا ئۆز مەركىزىي ئوقىنى چۆرىدەپ بىر قېتىم ئايلىنىپ، چەمبەرنىڭ سىرتقى يۈزىدە يەر يۈزىدىكى ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ كېلىدىغان سۈنئىي ئېغىرلىق كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. بىراق، ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىكى يەر يۈزى يەرشارىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئالدى - ئارقا تەرىپى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئادەم ئۆزىنى ئويمانلىقنىڭ مەركىزىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما يولنى مەزمۇت ماڭالايدۇ. چەمبەرنىڭ ئىچكى يۈزى ئالەم بوشلۇقى شەھىرىنىڭ «ئاسمان» ى بولۇپ، ئاسماندا كېمىر شەكىللىك رەت - رەت ئەينەك دېرىزىلەر بار، ئۇلارغا ئەينەك سېلىنغان، بۇ ئەينەكلەر ھىملانغان چەمبەر سىرتىدىكى غايەت زور نۇر قايتۇرغۇچى پېتىنغۇ ئەينەك قايتۇرغان قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى شەھىرىنى يورۇتىدۇ ۋە ئىسسىتىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدە زاۋۇتلاشقان دېھقانچىلىق پونكىتى بولىدۇ. ئاپتوماتلاشقان دېھقانچىلىق پونكىتى زىرائەتلەرنى2 OC، سۇ ۋە ئوغۇت بىلەن ئاپتوماتىك تەمىنلەيدۇ، زىرائەتلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئالەم بوشلۇقى ئاھالىلىرىنى ئاشلىق، يېڭى كۆكتات، يېيىشلىك مېۋىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ زىرائەتلەر ئادەم ۋە ھايۋانلار نەپەسلەنگەندە چىقارغان2 OC نى فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق سۈمۈرۈپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوكسىگېننى ئىشلەپچىقىرىپ، ئالەم بوشلۇقى شەھىرى ئىچىدىكى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى بۇ ئاجايىپ دۇنيادا ئەركىن نەپەسلىنىشى، ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىكى ئوشۇقچە ئىسسىقلىق ئالەم شەھىرى سىرتىدىكى رادىئاتسىيە تاختىسى ئارقىلىق بوشلۇققا تارقىتىلىپ، شەھەردىكى ئىسسىق - سوغۇق مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىكى تۇپراق سۈنئىي بولۇپ، مەركىزىدە ھالقىسىمان يول بار، يولنىڭ ئىككى چېتىدە ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا ياتاق بىناسى، دۇكان، قەھۋەخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى، يىلانباغرى سوزۇلغان چىمەنتاغ، شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ ۋە گۈللەر بۈككىدە ئېچىلغان باغچە بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرىدىمۇ زاۋۇت بولىدۇ. زاۋۇت چىقارغان كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقى ئۈچۈن، چەمبەر سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. چەمبەرنىڭ مەركىزى ئوقىنىڭ ئاستىدا بىر گۇرۇپپا «ئىمارەت» − ئالەم بوشلۇقى زاۋۇتى بولىدۇ. ئاھالىلەر لىفتقا ئولتۇرۇپ، كۆك چوققىسىغا يەتكەندىن كېيىن، دېرىزىنى ئېچىپ، مەركىزىي ئوق بىلەن تۇتاشقان رادىئاتسىيە تۇرۇبىسىغا كىرىپ، مەركىزىي ئوقنى بويلاپ زاۋۇتقا خىزمەتكە بارىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرىنى ياساشقا لازىملىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئاي شارىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئاي شارىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇش يەر شارىدىن توشۇغانغا قارىغاندا خېلى كۆپ ئەرزان بولىدۇ، چۈنكى ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ ئالتىدىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ. ئالەم بوشلۇقى شەھىرى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك «يېڭى قۇرۇقلۇق»، ئۇ ئىنسانلارنى يېڭى ياشاش ماكانى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى