UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىزامانىۋى ئاياغ

زامانىۋى ئاياغ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى پۇت − بىر خىل ئالاھىدە »ھەرىكەت قىلىدىغان پۇرژىنا«. ئادەم ماڭغاندا، ئېغىرلىق مەركىزى ئاۋۋال ئۆكچىگە چۈشۈپ، ئاندىن پۇت ئۇچىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت شەكلىدە، پۇت ئەگمىسى تۈزلىنىشتىن ئېگىلگەنگىچە بولغان ئارىلىقتا پۇرژىنىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ھەر قېتىم يەرنى دەسسىگەندە ۋە پۇتىنى كۆتۈرگەندە، مۇسكۇل پېيى % 35ئۆپچۆرىسىدىكى ئېلاستىك كۈچ بىلەن، تاپان ئەگمىسى بولسا تەخمىنەن %17 ئېلاستىك كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. لايىھىلىگۈچىلەر يۈرۈشنىڭ يېنىك بولۇشى ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن، ئاياغ چەمى ئۈستىدە مېڭە قاتۇرۇۋاتىدۇ. بەزى ئاياغلارنىڭ ئۆكچىسىنىڭ كەينىگە بىر قەۋەت ئېلاستىك ماتېرىيال ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ زەربىنى پەسەيتىش رولىنى ئويناپ، سىلكىنىش كۈچىنىشىنى ئاجىزلىتىدۇ. بەزىلەر شىنىسسىمان ئاياغ چەمى ئارىسىغا ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى قەۋەت ھاۋا توسۇش قەۋىتى لايىھىلىگەن، ئۆكچە يەرنى دەسسىگەندە، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى ئۈستى قەۋەت ھاۋا توسۇش قىسمىدىكى قىسمەن ھاۋانى ئايرىغۇچى قەۋەتتىكى تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق ئاستى قەۋەت ھاۋا توسۇش قەۋىتىگە كىرگۈزۈپ، بېسىمنى پەسەيتىش رولىنى ئويناپ، ئاياغنىڭ يەرگە تېگىشىدىن ھاسىل بولغان سىلكىنىش كۈچىنىشىنى ئاجىزلىتىدۇ. فرانسىيىلىك لايىھىلىگۈچىلەر يەنە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئەپچىل ئاياغ لايىھىلىگەن بولۇپ، سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئاياغ تېگىدىكى خالتىغا مۇئەييەن بېسىمدىكى ھاۋا كىرگۈزۈلسە، ھاۋانىڭ تەسىرىدە تەۋرىنىش ئاجىزلاپ، ئېلاستىكلىق ئاشىدۇ. بىراق، بۇ ئاياغلار سىلكىنىشنى پەسەيتىش نۇقتىسىدىن لايىھىلەنگەن. ئەگەر سۈرئەت نەزەردە تۇتۇلسا، ئاياغنىڭ »پۇرژىنا« ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ پۇتنىڭ قاڭىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ خىل ئاياغنىڭ بارلىققا كېلىشى لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بېيىتتى، كەلگۈسىدە ياشانغانلار، ساياھەتچىلەر قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر كىيىدىغان يېڭىچە ئاياغلار بارلىققا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى