قۇياش ئېنېرگىيىسى ئۈسكۈنىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
قۇياش نۇرىنى كۆپۈنگۈ لىنزا (لوپا ئەينەك ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك كۆزەينىكى) بىلەن بىر نۇقتىغا يىغىپ قەغەزگە چۈشۈرسە، قەغەزدىن ئىس چىقىدۇ، ھەتتا يانىدۇ. بۇ، قۇياشنىڭ كارامىتى.
قۇياشنىڭ كارامىتى چوڭ.1947 - يىلى تومۇز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرى تونۇردەك قىزىپ كەتكەن، گۈزەل پادىشاھلىق باغچىسىدا بىر توپ كىشىلەر قىزىق بىر ئويۇننى كۆرۈۋاتاتتى. ئويۇن كۆرسەتكۈچى باففىن ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ،15 كۋادرات سانتىمېتىرلىق168 پارچە ئەينەك بىلەن قۇياش نۇرىنى ھەر خىل تۇرغۇدىن بىر نۇقتىغا يىغدى، يىغىلغان قۇياش نۇرى60 مېتىر يىراقلىقتىكى ياغاچنى كۆيدۈردى،39 مېتىر يىراقلىقتىكى قوغۇشۇن چوكىنى ۋە18 مېتىر يىراقلىقتىكى كۈمۈش سىمنى ئېرىتتى.
ھېسابلىنىشىچە، قۇياشنىڭ ئومۇمىي رادىئاتسىيە قۇۋۋىتى367 كۋادرىليارد500 كۋادرىليون (1021×5.367) كىلوۋاتلىق گېنېراتورنىڭ قۇۋۋىتىگە تەڭ بولۇپ، ئاتموسفېرا سۈمۈرۈپ ۋە قايتۇرۇپ خوراتقاندىن كېيىن، يەر يۈزىگە يەنە سېكۇنتىغا81 تىرىليون (1012×81) كىلوۋات يېتىپ كېلىدۇ، بۇ1983 - يىلى پۈتۈن يەر شارىدا چىقىرىلغان ھەر خىل ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ30 مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
كىشىلەر قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، قۇياش نۇرىنى ئىسسىقلىق، ئېلېكتر، خىمىيىلىك ئېنېرگىيىلەرگە ئايلاندۇردى.
لىنزا ۋە رېفلېكتور (يورۇقلۇق قايتۇرىدىغان ئەينەك) يورۇقلۇقنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما. ساندۇق شەكىللىك يەنە بىر خىل ئىسسىقلىق يىغىش ئەسۋابى بولۇپ، ئۇ نۇر يىغىش قابىلىيىتى كۈچلۈك، نۇر قايتۇرۇش قابىلىيىتى ناچار ماتېرىيالدىن ياسالغان. ساندۇقنىڭ ئىچى قارىغا بويىلىدۇ. قۇياش نۇرى ئەينەكتىن ئۆتۈپ،% 90 ى ساندۇق ئىچىگە كىرىپ، ساندۇق ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىنى سىرتتىكىدىن℃ 100 -℃ 200 يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ياپىلاق ئىسسىقلىق ياسالغان ئىسسىقلىق يىغىش ئەسۋابى تەكشى تاختىلىق ئىسسىقلىق يىغىش ئەسۋابى دېيىلىدۇ.
كىشىلەر قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن ئىسسىقلىق يىغىش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قۇياش ئېنېرگىيىسى ئۈسكۈنىلىرىنى ياسىدى. نۇر يىغىش شەكىللىك قۇياش ئوچىقى دەپ ئاتىلىدىغان تەتۈر كۈنلۈكسىمان بىر خىلى بار، ئۇنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن5 .1 مېتىر بولۇپ، قازاننىڭ تېگىگە يىغقان قۇياش نۇرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃ 400 — ℃500 قا يېتىدۇ، سۇ قايناتقىلى، تاماق ئەتكىلى بولىدۇ، يەنە يۇيۇنۇش، يەم - خەشەك ئېچىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ ئىسسىتىش ئەسۋابى، مېۋە - چېۋە، چاي يوپۇرمىقى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى قاقلاپ قۇرۇتىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇتۇش ئەسۋابىمۇ بار. قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ دىستىللەش ئەسۋابى پارنىكقا بەكمۇ ئوخشايدۇ، ئۇ تەركىبىدە مىنېرال تۇز بولغان سۇنى پارلاندۇرۇپ تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرىدۇ، كۈنىگە80 توننا تاتلىق سۇ ئىشلەپچىقىرالايدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىقلىق يىغىش ئەسۋابىنى قىشتا ئىسسىنىش، يازدا سالقىنلاش قۇرۇلمىسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يىغىلغان قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ھاۋانى قىزىتىپ، پار قازاندىكى سۇنى ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلارنى پارلاندۇرۇپ، پورشېن ۋە توربىنلارنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ قۇياش گېنېراتورىدۇر.
قۇياش ئېنېرگىيىسى ئۈسكۈنىسىگە يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، پاكىز، ھېچقانداق مۇھىت بۇلغىمايدۇ.